ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە «فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى داۋا قىلغۇچىغا مەشھۇر ئالىملاردىن رەددىيە» ۋە «رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىشنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئەسلەتمە» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان.
بىرىنچى بۆلەك:
پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى داۋا قىلغۇچىغا مەشھۇر ئالىملاردىن رەددىيە
ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئالىم فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشكە رۇخسەت قىلمىغان، ئەمما ئەبۇ ھەنىفە رۇخسەت قىلغان. [وقال النووي -﵀-: «ولم يُجز عامّة الفقهاء إخراج القيمة، وأجازه أبو حنيفة» -«شرح النّووى» (٧/ ٦٠)]
ئىمام ئىبنى ھەزم فىتىر زاكىتى ھەققىدە توختىلىپ «قىممىتىنى بېرىش (يەنى يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش) ئەسلا جائىز ئەمەس» دېگەن. قال ابن حزم -﵀- في «المُحلّى» (٦/ ١٩٣) مسألة (٧٠٨): «… ولا تجزئ قيمة أصلًا».
ئىبنى ھۇبەيرە رەھىمەھۇللاھ «اختلاف الأئمة العلماء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئۇلار (يەنى مەزھەب پېشىۋالىرى) فىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى (يەنى پۇلىنى) بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاق ئىچىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە بۇنىڭ سىرتىدا، ئەبۇ ھەنىفە بۇنى دۇرۇس دېگەن. (واتَّفَقُوا على أنه لا يجوز إخْراج القيمَة فِي زَكاة الفطر.إلّا أبا حنيفَة فَإنَّهُ قالَ: يجوز.) [ختلاف الأئمة العلماء ١/٢١٤]
شەيخ مۇھەممەد نەئىم سائىي مۇنداق دېگەن: ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك بېرىشنىڭ ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن بولۇپ، بۇ ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام شاپىينىڭ ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىنىڭ ھۆكمىدۇر. جمهور الفقهاء على عدم جواز إخراج القيمة في زكاة الفطر وهو مذهب مالك والشافعي وأحمد— موسوعة مسائل الجمهور في الفقه الإسلامي ١/٢٩٠
مەشھۇر ھەرەم ئالىملىرىدىن شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم تۇۋەيجرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك ئورنىدا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس ئەمەس. (ولا يجوز إخراج القيمة بدل الطعام-مختصر الفقه الإسلامي في ضوء القرآن والسنة ١/٦٠٦)
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى توغرا دەپ تاللانغان ھۆكۈم شۇكى: پىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى بېرىش (يەنى يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش) دۇرۇس ئەمەس. [القول الصحيح الراجح الذي لا شك فيه عندنا أن إخراج القيمة في زكاة الفطر لا يجزئ —جلسات رمضانية للعثيمين ١٤/٦]
شەيخ ئابدۇلئەزىم بەدەۋىي مۇنداق دېگەن: فەقىھلەرنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى ھۆكمىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە (جۇمھۇرنىڭ ئەكسىچە) دۇرۇس دېگەن. بۇ ھۆكۈمنى ئىمام نەۋەۋى مۇسلىم شەرھىدە نەقىل قىلغان. دەيمەنكى: ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ كۆز قارىشى رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى:«رەببىڭ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.» (سۈرە مەريەم 64-ئايەت) (شەيخ بۇ ئايەتنى بۇ يەرگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق — ئەگەر قىممىتىنى بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ياكى كىتابىدا يا رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق بۇنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدە سۆز قىلغان بولاتتى ، بۇنىڭ دۇرۇسلۇقىنى كىتابىدا ياكى رەسۇلىنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتى،دېمەكچى.) ئەگەر فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇنى بايان قىلغان بولاتتى. شۇڭا، شەرئىي دەلىلنى تولغاپ، بۇرمىلىماستىن، شەرئىي دەلىلنىڭ ئاشكارا ھۆكمى تۇرغان يەردە تۇرۇش لازىم. [الوجيز في فقه السنة والكتاب العزيز ١/٢٣١ — عبد العظيم بدوي]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتى ھەققىدە نېمە دېگەن؟
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305 [سۆز ئۇزۇراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى يەنە باشقا ھەدىسلەر زىكىر قىلىنمىدى. تور بېتىمىزدىن «فىتىر زاكىتى» دەپ ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەرگە ئېرىشەلەيسىز.]
كىشى بەرگەن پەتىۋا ھەدىسكە زىت كەلسە قانداق قىلىمىز؟
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بىر سۆزنى ئېيتقان بولسام، بۇنداق سۆزۈمنى تاشلاڭلار.» hedisim.com (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» hedisim.com (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
(ئىمام ئەبۇ ھەنىپەنىڭ ۋە باشقا ئىماملارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ئىككىنچى بۆلەكتە تولۇق بايان قىلىنىدۇ.)
فىتىر زاكىتىنى پۇل بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال: زاكات فىتىرنى ئادا قىلماقچى بولغان كىشى بۇغداي، ئارپا، ياكى باشقا يېمەكلىكتىن فىتىر زاكىتى ئادا قىلىشنىڭ ئورنىغا، فىتىر زاكىتىنى پۇل بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلسا دۇرۇس بولامدۇ يوق؟
جاۋاب: ياق، بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش ئەمەس، يېمەكلىك بېرىش كۆپ سانلىق ئەھلى ئىلىمنىڭ ھۆكمىدۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك بەرگەن، ساھابىلەرمۇ، ئەھلى ئىلىمنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ يېمەكلىك بەرگەن. فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس. ئەكسىچە، فىتىر زاكىتى يېمەكلىكتىن بېرىلىدۇ. پەرز بولغىنى مانا بۇدۇر.
مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/5348/حكم-اخراج-زكاة-الفطر-نقودا
پىتىر زاكىتىغا پۇل بەرگۈچىنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: يۇرتىمىز جازائىردا (ئالجىرىيەدە) مالىكىي مەزھىپىگە ئەگىشىمىز. بىراق، پىتىر زاكىتى مەسىلىسىدە بىز (مالىكىي مەزھەپنىڭ پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس يېمەكلىك بېرىدۇ دېگەن ھۆكمىگە ئەمەس) ئىمام ئەبۇ ھەنىپەنىڭ پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇس دېگەن سۆزىنى تۇتىمىز. پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇسمۇ؟ بۇ ھەقتە مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئالجىرىيە مۇسۇلمانلىرىغا نەسىھەتلىرى نېمە؟
جاۋاب: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر سەدىقىسى مەسىلىنى ئوچۇق، چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ بولغان. پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) ئەتراپىدا خورما، ئارپا ياكى كىشمىش… قاتارلىقلاردىن بەرگەن. بۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەۋرىدىكى مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن، ياكى چۆللەردە ئاساسلىق يېمەكلىكەر جۈملىسىدىن ئىدى.
ئەگەر (يۇرتىڭىزدا) ئاساسلىق يېمەكلىك سۈپىتىدە باشقا يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنسا، شۇ يېمەكلىكتىن كىشى بېشىغا بىر سائ (ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا) يېمەكلىكنى فىتىر زاكىتىغا ھېساپلاپ بېرىسىز. چۈنكى، ھەدىستە يېمەكلىكتىن بىر سائ بېرىش كەلگەن. فىتىر زاكىتىنى يۇرتىڭىزنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىدىن\ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكتىن بېرىسىز.
فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشكە كەلسەك، گەرچە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە پۇل (دىنار-دىرھەم) مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى بۇيرىمىغان. رەسۇلۇللاھ نېمىشقا پۇلنىڭ گېپىنى قىلماي، يېمەكلىك بېرىشنى بۇيرۇدى؟
رەسۇلۇللاھ يېمەكلىك بېرىشنى بۇيرۇغان ئىكەن، بىز (رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالماستىن،) ئۇ زاتنىڭ ھەدىستىكى بۇيرۇقىغا بىنائەن يېمەكلىك بېرىش يولىنى تۇتىمىز. پالانچى ياكى پۇستانچىنىڭ بەرگەن ھۆكمى رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن ھەدىسكە خىلاپ بولغانلىكى تەقدىردە، ھەدىسكە خىلاپ ھۆكۈمنى تۇتمايمىز.
سوئال: سوئال سورىغۇچى دەيدۇكى «مەن پىتىر زاكىتىنى پۇل ئارقىلىق ئادا قىلغان، دادام بولسا يېمەكلىك ئارقىلىق ئادا قىلغان، بۇ قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟»
جاۋاب: دادىڭىز فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىپ توغرا قىپتۇ. پىتىر زاكىتىنى يېمەكلىكتىن بېرىسىز. كىشى بېشىغا ئۈچ كىلوگرام يېمەكلىك بېرىسىز.
مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=6kr2pSdMLkQ
فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش يېمەكلىك بېرىشتىن ئەۋزەل دېگۈچىنىڭ ھۆكمى
مۇھەددىس فەقىھ، ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسى
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
فىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن پۇل بېرىشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئېيتقانلار خاتالاشقاندۇر.
ئۇلار مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق شەرئىي دەلىلگە خىلاپلىق قىلماقتىدۇر.
ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر سەدىقىسىنى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن، ياكى پىشلاقتىن بىر سائ بېرىشنى پەرز قىلدى.» (بىر سائنى كىلوغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن ئېغىرلىقتا بولىدۇ.)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پۇل ئارقىلىق ئەمەس، شۇ دەۋر خەلقى يەيدىغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئادا قىلىشنى بەلگىلەپ پەرز قىلغان ئىدى.
ھەدىسنىڭ مەنىسىدىن شۇ نەرسە ئوتتۇرىغا چىقماقتىدۇر:
فىتىر زاكىتى بېرىشتىن مەقسەت — پېقىر ۋە مىسكىنلەرنىڭ يېڭى، پاكىز كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىنى ۋە مەۋجۇت ياشاش ئۆلچىمىگە ماس ھالدا ياشاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى روياپقا چىقىرىش ئەمەس.
فىتىر زاكىتىنىڭ مەقسىتى — پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھېيىت كۈنى ۋە ھېيىتتىن كېيىنكى (مەلۇم) كۈنلەر ئىچىدىكى يېمەك-ئىچمەككە بولغان ھاجەتمەنلىكىنى يوق قىلىشتۇر.
ھېيىتتىن كېيىن دېيىشتىن روزا ھېيتنىڭ پەقەت بىرلا كۈن بولىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن.
روزا ھېيىت كۈنىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلەرنىڭ روزا ھېيىت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
روزا ھېيىت پەقەتلا بىر كۈندۇر، قۇربان ھېيت بولسا تۆت كۈندۇر.
فىتىر سەدىقىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئومۇملاشقان يېمەكلىكلەردىن پەرز قىلىنىشىنىڭ مەقسىتى — پېقىر ۋە مىسكىنلەرنى روزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە يېمەكلىككە مۇھتاج قىلىپ قويماسلىقتۇر.
ئىنسانلاردىن بىرى چىقىپ «ياق! بىز پىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل بېرەيلى. پۇل بېرىشىمىز پېقىرلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇيغۇن ۋە تېخىمۇ مەنپەئەتلىكتۇر» دېگىنىدە، بۇنى دېگەن ئىنسان ئىككى تەرەپتىن خاتا سۆز قىلغان بولىدۇ.
بۇنداق دېيىشتىكى بىرىنچى خاتالىق — شەرئىي دەلىلگە قارشى گەپ قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى، پىتىر زاكىتى مەسىلىسى ئىبادەت مەسلىسىدۇر. (ئىبادەت مەسىلىسى كۆز قاراشقا ئەمەس، شەرئىي دەلىلگە تايىنىدۇ.) بۇنداق دېگەن كىشىنىڭ خاتا قىلىۋاتقىنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئەڭ يەڭگىل سۆز مانا بۇ.
پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش ئەۋزەل دېگەن كىشىنىڭ ئىككىنچى خاتالىقى بەكمۇ قورقۇنچلۇق خاتالىق بولۇپ، بۇنداق دېيىشنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىدەك:
«شەرىئەت-قانۇن بەلگىگۈچى، ھۆكۈم ۋە ھېكمەت ساھىبى، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ئۈممىتىنىڭ پىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىكتىن بىر سائ مىقداردا بېرىشىنى پەرز قىلغىنىدا، پېقىر-مىسكىنلەرگە كېلىدىغان پايدىنىڭ نېمىدە ئىكەنلىكىنى — بۇ يېمەكلىكەرنىڭ قىممىتىگە تەڭداش نىسبەتتىكى پۇلنى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن بېرىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل ئىككەنلىكىنى داۋا قىلغانلار چۈشەنگەنچىلىك چۈشىنەلمەي، بىلمەي قالغان.»
ئەگەر پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش يېمەكلىك بېرىشتىن ئەۋزەل بولسا، ئۇ ھالدا پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش ئاساس بولۇپ، يېمەكلىك بېرىش بولسا بۇ ئاساسنىڭ ئورنىنى باسىدىغان قوشۇمچە ئورۇن باسار ھېسابلانغان بولاتتى.
چۈنكى، قولىدا پۇل بولغان كىشى، بۇ پۇلنى ئۆز ئېھتىياجىغا يارىشا قانداق خەجلەشنى ئەڭ ياخشى بىلگەن بولاتتى. يېمەكلىككە ئېھتىياجى بولسا يېمەكلىك، ئىچىملىككە ئېھتىياجى بولسا ئىچىملىك، كىيىم-كېچەككە ئېھتىياجى بولسا، كىيىم-كېچەك ئالغان بولاتتى.
خوش، ئۇنداقتا، نېمىشقا شەرىئەتنىڭ ئىگىسى ئاللاھ پىتىر زاكىتىنى پۇل ئارقىلىق ئەمەس، دىنار-دىرھەم ئارقىلىق ئەمەس، يېمەكلىك ئارقىلىق ئادا قىلىشنى پەرز قىلدى؟
دېمەك ئاللاھنىڭ بىر مەقسىتى بار. (مەقسەت يۇقىرىدا بايان قىلىندى.) شۇڭا، ئاللاھ پىتىر زاكىتىدىن ئىبارەت بۇ پەرزنى بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغان ھەدىستىكىدەك ۋە بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەردىكىدەك يېمەكلىك ئارقىلىق ئادا قىلىشتا چەك بېكىتكەن.
بەزى ئىنسانلارنىڭ بۇ شەرئىي دەلىلنى ئورۇنداش ئورنىغا، بۇنىڭ ئەكسىچە پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش يولىنى تۇتۇشى — شەرىئەت بەلگىلىگۈچى ئاللاھقا (بۇ جەھەتتە) ياخشى شەرىئەت-قانۇن قويالمىغانلىق بىلەن تۆھمەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى، بۇنداق ئىنسانلارنىڭ ئۆزى بەلگىلىۋالغان بۇ ئاتالمىش شەرىئىتى — ئۇلارچە پېقىر-مىسكىنلەر ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق، تېخىمۇ ئەۋزەل بولارمىش!
كىشى مانا مۇشۇ شەكىلدە — فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش يېمەكلىك بېرىشتە ئەۋزەل دەپ ئېتىقاد قىلىۋالسا — بۇ ئېتىقادى سەۋەبلىك كاپىر بولۇپ كېتىدۇ.
لېكىن، پۇل بېرىش يېمەكلىك بېرىشتىن ئەۋزەل دېگەن ئېتىقادتا بولماي، بۇ ھەقتىكى شەرئىي ھۆكۈمدىن غەپلەتتە قېلىپ بۇنى دېگەن بولسا، سېپى ئۆزىدىن خاتا سۆزنى ئېيتقان بولىدۇ.
(ئىش بۇنداق ئىكەن) فىتىر زاكىتىنى شەرىئەتنىڭ ھاكىمى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغان يېمەكلىك بېرىشتىن باشقا نەرسە بىلەن (يەنى پۇل بىلەن) ئادا قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ شەرىئەت قىلىپ بەلگىلىگىنى — پىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىك ئارقىلىق ئادا قىلىشتۇر.
(ئاساسى مەقسەت ئۆز پېتى تەرجىمە قىلىندى. تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئەرەپچە ۋىديودا مەۋجۇت)
مەنبە: ھەدىس خەزىنىسى تورى | hedisim.com
ئەرەپچە مەنبەسى: https://www.youtube.com/watch?v=lxjL8vKYpR0
سۆزنىڭ ئۇزۇراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن «فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەن مىڭلارچە ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسى نەقىل قىلىنمىدى، يۇقىرىقى ئالىملارنىڭ بايانى ئەسلىدە مىڭلارچە ئالىمنىڭ بايانىدۇر.
ئىككىنچى بۆلەك:
رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئەسلەتمە
بىرىنچى ئايەت:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾
ئى (ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا 1) ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار.(دىنىڭلاردا ھۆكۈمى بار بولغان ھەر قانداق مەسىلىدە2 سۆز ياكى ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار3. رەسۇلۇللاھتىن باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ساقلىنىڭلار، پۈتۈن ئىشلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دىن ھەققىدە دېمىگەن سۆزنى دېمەڭلار، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلماڭلار، قۇرئانغا ۋە سۈننەتكە مۇخالىپ سۆز ۋە ئەمەللەردە بولماڭلار6. پۈتۈن ئىشلىرىڭلاردا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىڭلار7، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىدىن ئېشىپ، ئۆز ئالدىڭلارغا ھۆكۈم چىقىرۋالماڭلار، بولمىسا دىندا بىدئەت چىقارغان بولىسىلەر8) ئاللاھتىن قورقۇڭلار.(سۆز ۋە پېئىللىرىڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە زىت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭلار9). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەسسەمىيدۇر (ھەر زامان ئەڭ مەخپىي جاي ۋە تەرەپلەردىكى بارچە ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر10)؛ ئەلىيمدۇر.(مەخپىي ئىشلارنى، ئاشكارا ئىشلارنى، ئۆتمۈشنى، كېلەچەكنى، مەۋجۇت بولۇشى مۇقەررەر بولغانلارنى، مەۋجۇت بولۇشى ئىمكانسىز بولغانلارنى ۋە مۇمكىن بولغانلارنى ھەر قاچان بىلىپ تۇرغۇچىدۇر11) [1.2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 4.5. تەپسىر سەئدى 6.زادۇل مەسىر 7. ئىبنى كەسىر 8.تەپسىر مۇيەسسەر .11..9.10 تەپسىر سەئدى]
ئىككىنچى ئايەت:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:
قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى:«سىلەر ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا ماڭا ئەگىشىڭلار (يەنى مەن ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ۋە مېنىڭ سۈننىتىمگە ئەمەل قىلىڭلار1)، شۇندىلا ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ غەفۇردۇر، رەھىمدۇر. [1.تەپسىر بەغەۋى]
رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلماسلىق خارلىق ئېلىپ كېلىدۇ
{مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّ}{كىمكى رەسۇلۇللاھگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ﷲ قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.} (سۈرە نىسا، 80-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِندِ أَنفُسِكُمْ}{سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە دۇنياغا ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى».} (سۈرە ئالى ئىمران، 165-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ}{رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.} (سۈرە نۇر، 63-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ}{…زۇلۇم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار.} (سۈرە ھەدىد، 9-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ}{ﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نامازلارنى كامىل ئادا قىلىڭلار، زاكات بېرىڭلار، رەسۇلۇللاھقا (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار.} (سۈرە نۇر، 56-ئايەت)
رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى ئىش قىلغۇچىغا رەسۇلۇللاھتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگىشىشتە) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ)» دېدى. hedisim.com [صحيح البخاري الاعتصام بالكتاب والسنة (7280) ، صحيح مسلم الإمارة (1835) ، مسند أحمد بن حنبل (2/361). {كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى قيل: يا رسول الله: ومن يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة ومن عصاني فقد أبى.}]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتى ھەققىدە نېمە دېگەن؟
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305) [سۆز ئۇزۇراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى يەنە باشقا ھەدىسلەر زىكىر قىلىنمىدى. تور بېتىمىزدىن «فىتىر زاكىتى» دەپ ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەرگە ئېرىشەلەيسىز.]
كىشى بەرگەن پەتىۋا ھەدىسكە زىت كەلسە قانداق قىلىمىز؟
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
ئىمام ئەبى ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن بىر ھۆكۈمنى بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ بەرگەن بۇ ھۆكۈمۈم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بولۇپ قالغان بولسا، مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمىمنى چۆرۈپ تاشلاڭلار.» (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(حرام على من لم يعرف دليلي أن يفتي بكلامي)«دەلىلمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆزۈمگە تايىنىپ پەتىۋا بېرىشى ھارامدۇر.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن:(ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
ئىبىن ۋەھب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلار ئارىسىنى پاكىزلاش ھەققىدە سورالغاندا، مەن ئۇنىڭ»رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنداق قىلمىغان» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تاكى كىشىلەرئۇنىڭ يېنىدىن كەتمىگۈچە ئۇنىڭ يېنىغا كەلمىدىم. (كىشىلەر تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن) ئۇنىڭغا»بىز بۇ ئىشنىڭ سۈننەتتە ئورنى بارلىقىنى بىلىمىز»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»قېنى سۆزلەپ باققىن»دېدى. مەن«لەيس ئىبىن سەئد، ئىبىن لاھىئ ۋە ئەمر ئىبىن ھارىس بىزگە يەزىد ئىبىن ئەمر ئەل مەئفىرىدىن، ئۇ ئەبۇ ئابدۇرراھمان ھۇبۇلىدىن، ئۇ مۇستەد ئىبىن شەدداد ئەلقۇرەشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ»مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (تاھارەت ئالغاندا) قولىنىڭ كىچىك بارمىقى بىلەن پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇغانلىقىنى كۆردۈم»دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىپ بەردى»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»بۇ سەھىھ ھەدىس ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بۇ ھەدىسنىڭ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم»دېدى. كېيىن، ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلارنىڭ ئارىسىنى يۇيۇش ھەققىدە سورالغاندا، ئۇنىڭ بارماقلار ئارىسىنى يۇيۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم.» (مقدمة الجرح والتعديل لابن أبي حاتم ص ٣١ – ٣٢)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاقا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.» hedisim.com (الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» hedisim.com (النووي ١ / ٦٣،صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني )
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتابىمدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە زىت بىرەر نەرسە بايقىساڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى تاشلاڭلار.» hedisim.com (النووي في المجموع ١ / ٦٣)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (كل مسألة صح فيها الخبر عن رسول الله ﷺ عند أهل النقل بخلاف ما قلت فأنا راجع عنها في حياتي وبعد موتي) «ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن مېنىڭ كۆز قارىشىمغا قارشى بولغان سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلىنسا، مەن ھەدىسكە خىلاپ كۆز قاراشلىرىمدىن ھاياتىمدىمۇ، ئۆلۈمىمدىن كېيىنمۇ ۋاز كەچتىم.» (أبو نعيم في الحلية ٩ / ١٠٧؛ صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: (كل حديث عن النبي ﷺ فهو قولي وإن لم تسمعوه مني)«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەر قانداق سەھىھ ھەدىس كەلگەن بولسا، مېنىڭ ھۆكۈمۈممۇ شۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر. ھەتتا، سىلەر مەندىن بۇنداق ھۆكۈمنى ئاڭلىمىغان بولساڭلارمۇ شۇنداق.» (يەنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سەھىھ ھەدىسى سىلەرگە يېتىپ كەلسە، سىلەر شەيخ ئەبۇ ئىدرىسكە (ئىمام شافىينىڭ كۇنيەسى) بۇ ھەدىس يېتىپ كەلگەن بولسا، مۇشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە پەتىۋا بەرگەن بولاتتى، دەپ بىلىڭلار، دېمەكچى.) (ابن أبي حاتم ٩٣ – ٩٤؛صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) «كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.» hedisim.com (ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)
سۈننەتنى تەرك ئېتىشكە چاقىرىش رەسۇلۇللاھقا قارشى تەشۋىقات ھەرىكىتىدۇر
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: باشقىلارنى بىدئەتكە، ئازغۇنلۇققا ياكى بىرەر سۈننەتنى تەرك ئېتىشكە چاقىرىش گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بولۇپ، بۇ رەسۇلۇللاھقا قارشى تۇرۇشقا تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. hedisim.com (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين، 4/842)
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ «مەدارىجۇسسالىكىين» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: مۇناپىقلارنىڭ نەزىرىدە قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئېسىلغانلار يىراقنى كۆرەلمەيدىغان، ئەقلى چولتا، كالتا پەم كىشىلەردۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئېسىلغانلار مۇناپىقلارنىڭ نەزىرىدە دۆت، كالۋالاردۇر.
سەھىھ سۈننەتكە ئوچۇق ئاشكارا قارشى تۇرۇش ئەھلى بىدئەتنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسىدۇر
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ. hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)