ھېيىت نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

ھېيىت نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
سوئال: ھېيىت نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ھېيىت نامىزى مۇنداق ئوقۇلىدۇ. ھېيىت نامىزى ئىككى رەكئەتلىك نامازدۇر. ئىمام ناماز باشلاشقا ھازىر بولىدۇ، ئىنسانلار ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئەگىشىدۇ. بىرىنچى رەكئەتتە ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن ئالتە تەكبىر ئوقۇيدۇ، ئاندىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ. بىرىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن قاف سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ. ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغىنىدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئاندىن بەش قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ. ئاندىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن قەمەر سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت نامازلىرىدا بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇيتتى. (مۇسلىم 607) خالىسا بىرىنچى رەكئەتتە (سۈرە فاتىھەدىن كېيىن) سۈرە ئەئلانى، ئىككىنچى رەكئەتتە (سۈرە فاتىھەدىن كېيىن) سۈرە غاشىيەنى ئوقۇيدۇ.
بىلگىنكى، ھېيىت ۋە جۈمە نامىزى ئىككى سۈرىدە ئورتاق، ئىككى سۈرىدە پەرقلىقتۇر. ئورتاق بولغىنى — ھېيىت نامىزىدىمۇ، جۈمە نامىزىدىمۇ سۈرە ئەئلا بىلەن سۈرە غاشىيە ئوقۇلىدۇ. پەرقلىق بولغىنى — ھېيىت نامىزىدا قاف ۋە قەمەر سۈرىلىرى، جۈمە نامىزىدا جۈمە ۋە مۇنافىقۇن سۈرىلىرى ئوقۇلىدۇ. ئىمامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ سۈرىلەرنى ئۆگىنىشى، قىرائەت قىلىنغاندا يات بىلنەشمەسلىكى ئۈچۈن جۈمە، ھېيىت نامازلىرىدا بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق بىر سۈننەتنى ئىجرا قىلىشى لازىم. ھېيىت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىمام خۇتبە ئوقۇيدۇ. (فتاوى أركان الإسلام، 332 -نومۇر) مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ