ئىمام ئەبۇ بەكرى خەللال رەھىمەھۇللاھ «كىتابۇس سۈننە» ناملىق كىتابىدا مۇنۇ مەزمۇننى نەقىل قىلغان:
مۇھەممەد ئىبنى ھارۇننىڭ (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) ماڭا نەقىل قىلىشىچە، ئىسھاق ئۇلارغا مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بەرگەن: ئەبۇ ئابدۇللاھتىن (يەنى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھتىن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «كىمكى، ئىمامى بولمىغان ھالدا ئۆلسە جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ» (ئىبنى ھىببان 4573؛ مۇسلىم 1848؛ نەسائى 4114) دېگەن ھەدىسى توغرىسىدا «بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىلىۋىدى، «(ھەدىستە دېيىلگەن ئىمام) مۇسۇلمانلار ئىماملىقىنى ئىتتىپاق بىلەن تەن ئېلىپ <بۇ ئىمامدۇر> (مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارىدۇر) دەپ بىلىدىغان كىشىدۇر. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى مانا بۇدۇر» دەپ جاۋاب بەردى. (خەللال: كىتابۇس سۈننە 33؛ ئىبنى ھانى: مەسائىلۇل ئىمام ئەھمەد 2\185) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى
بۇ يەرگە ئەرەپچىسى قوشۇلىدۇ.