بامدات نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟

بامدات نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟

ھەدىس خەزىنىسى تورى تەييارلىدى

بسم الله الرحمن الرحيم

جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن.

مۇقەددىمە

بامدات نامىزى ئىككى رەكئەتلىك پەرز ناماز بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ كۈن چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. بامدات نامىزىنى ۋە ھەر قانداق پەرز نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش پەرز بولۇپ، ھورۇنلۇق ۋە باشقا سەلبىي سەۋەبلەر تۈپەيلى مەيلى بامدات نامىزىنى، مەيلى باشقا نامازلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇماسلىق ئەڭ ئېغىر گۇناھى كەبىرىلەردىندۇر. ھەتتا بىر بۆلۈك چوڭ ئالىملار بۇنداق قىلىشنى — پەرز نامازلارنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرى ئىچىدە ئادا قىلماستىن ھورۇنلۇق، سەل قاراش ياكى ئۇخلاپ يېتىۋېلىش ئارقىلىق سەۋەبسىز قازا قىلىۋېتىشنى — كىشىنى دىندىن چىقىرۋېتىدىغان كاپىرلىق دەپ قارايدۇ.

بىر گۇرۇپپا مەشھۇر مۇجتەھىد ئالىملار مۇناسىۋەتلىك شەرئىي دەلىللەرگە بىنائەن «ئەرلەرنىڭ مەيلى بامدات نامىزىنى، مەيلى باشقا پەرز نامازلارنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇشى پەرز، ئەرلەرنىڭ بەش ۋاخ پەرز نامازنى ئۆيىدە ياكى ئىش ئورنىدا ئوقۇۋېلىشى دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلغۇچى گۇناھكار بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇڭىلاشقا، ئەرلەر بەش ۋاخ پەرز نامازلارنى مەسجىدلەردە جامائەت بىلەن ئوقۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

ئەمما، بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقىغا بىنائەن ئاياللارنىڭ ھېچقانداق نامازنى مەسجىدتە، شۇنداقلا جامائەت بىلەن ئوقۇشى پەرز ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتقاندەك، ئاياللارنىڭ نامىزىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئوقۇغان نامىزىدۇر.

بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن، بامدات نامىزىنىڭ پەرىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئىككى رەكئەتلىك نەپلە ناماز ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر. بۇ ئىككى رەكئەتلىك ناماز بامداتنىڭ سۈننىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بامداتنىڭ پەرىزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان بۇ ئىككى رەكئەتلىك سۈننەت نامازدا «سۈرە كافىرۇن» بىلەن «سۈرە ئىخلاس»نى تىلاۋەت قىلىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۈچلۈك سۈننىتىدۇر. ئائىشە ئانىمىزدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستىكىدەك، بامدات نامازنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى رەسۇلۇللاھ ئوقۇغاندەك ناھايىتى يەڭگىل ئوقۇلىدۇ. باشقا پەرز نامازلارنىڭ ئالدى ياكى كەينىدىكى تەكىتلىك سۈننەت نامازلارنى   سەپەر ياكى سەپەر قىلغۇچى ھۆكمىدىكى ھالەتلەردە ئوقۇماسلىق سۈننەت بولسىمۇ، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەتلىك سۈننەت نامىزى سەپەردىمۇ تاشلىماي ئوقۇلىدۇ.

بامدات نامىزىنىڭ پەرزى ئىككى رەكئەت بولۇپ، بامدات نامىزىدا قۇرئاندىكى ئۇزۇن سۈرىلەرنى ئوقۇش ياخشىدۇر. ئىمام مۇسلىم ئەبى بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بامدات نامىزىدا  ئاتمىشتىن يۈزگىچە ئايەت تىلاۋەت قىلاتتى. (سەھىھۇل مۇسلىم 461-نومۇرلۇق ھەدىس) ئۇزۇن سۈرىلەرنى يادقا بىلمەيدىغان كىشى ئۆزىگە ئاسان بولغان سۈرىلەرنى ئوقۇيدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا مۇسۇلمانلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتى بويىچە ئىش كۆرۈش، ئىبادەتلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆگەتكىنىگە بىنائەن قىلىشقا بۇيرۇغان. ناماز مەسىلىسىدىمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ، مۇسۇلمان باشقا ئىبادەتلەردىكىدەك، نامازلىرىدىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتى بويىچە ناماز ئوقۇشى كېرەك. مەيلى نامازدا، ياكى دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىبادەتلەردە ئۆزى بىلگىنىچە ئىش كۆرۈشكە، ياكى ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياققان شەكىل بويىچە يول تۇتۇشى چەكلىنىدۇ.

بامدات نامىزىنى ئوقۇش قائىدىسى 

«بامدات نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟» دېگەن بۇ ماقالىمىز دۇنياغا مەشھۇر ئىسلام ئالىمى،  ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «ناماز رىسالىسى» ناملىق ئەسىرىدىن (بامدات نامىزىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ) ئۆز پېتى ئېلىندى. مەيلى ئاۋام، مەيلى ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى قېرىنداشلار بۇ رىسالىدىكىدەك يول تۇتقان تەقدىرىدە، نامازلىرىنى رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش ئوقۇغان ۋە ئەڭ توغرا ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام ئىبنى باز مۇنداق دېگەن:

بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقى ھەققىدىكى قىسقىچە باياندۇر. بۇ رىسالىنى نامازلىرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقۇغاندەك ئوقۇشقا غەيرەت كۆرسىتىشى ئۈمىدىدە بارچە مۆمىن ئەر ۋە مۆمىنە ئاياللارغا تەقدىم قىلىمەن. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:  «صلوا كما رأيتموني أصلي »«نامازنى مېنىڭ ئوقۇغۇنىمنى كۆرگىنىڭلاردىكىدەك ئوقۇڭلار.»(بۇخارى 595؛ دارىمى 1225)

(بامدات نامىزىنى ئوقۇشتىكى قائىدە تەرتىپلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:)

[1] تاھارەتنى كامىل ئېلىش. كىشى تاھارەتنى ئاللاھ قۇرئاندا بۇيرۇغىنىدەك كامىل ئېلىشى كېرەك. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿يا أيُّها الَّذِينَ آمَنُوا إذا قُمْتُمْ إلى الصَّلاةِ فاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وأيْدِيَكُمْ إلى المَرافِقِ وامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وأرْجُلَكُمْ إلى الكَعْبَيْنِ﴾ تەرجىمىسى:«ئى مۆمىنلەر! ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا (ئەگەر تاھارەتسىز بولساڭلار) يۈزۈڭلارنى ۋە ئىككى قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، ئىككى پۇتۇڭلارنى ھوشۇقڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار….» (سۈرە مائىدە، 6-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((لا تقبل صلاة بغير طهور))«تاھارەتسىز ھالدا ئوقۇلغان ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ.» (تىرمىزى-تاھارەت- 95؛ ئەبۇ داۋۇد -تاھارەت-157؛ ئىبنى ماجە-تاھارەت ۋە سۈننەتلىرى-553؛ مۇسنەد ئەھمەد 5\213) ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ كامىل تاھارەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنىڭ سۈننەتتىكى دەلىللىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى ناتوغرا ئوقۇغۇچىغا مۇنداق بۇيرۇشىدۇر: ((إذا قمت إلى الصلاة فأسبغ الوضوء))«ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ تاھارەتنى كامىل ئالىسەن…» (بۇخارى 5782، 6174؛ ئەبۇ داۋۇد 730؛ ئىبنى ماجە 441)

[2] قىبلىگە يۈزلىنىش. كىشىنىڭ نەپلە ياكى پەرز ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ يۈزى ۋە بەدىنىنى قىبلە تەرەپكە توغرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، نىيەتنى تىلىدا ئېتيمايدۇ. چۈنكى، (ئىبادەتلەردە) نىيىتىنى تىلىدا ئېيتىش شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەن. رەسۇلۇللاھمۇ، ساھابىلەرمۇ نىيىتىنى تىلىدا ئېيتمىغان.

كىشى نامازنى مەيلى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئوقۇسۇن، ياكى ئىمام بولۇپ ئوقۇسۇن، ئالدىدا سۈترە بولۇشى كېرەك. نامازدا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش نامازنىڭ نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر. مەلۇم ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، بۇ مۇستەسنالىق ئەھلى ئىلىمنىڭ (مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدە) بايان قىلىنغان.

[3] (ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ، قىبلىگە يۈ كەلتۈرۈپ) ئۆرە تۇرغان ھالەتتە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كۆز نامازخان ئۆزى سەجدە قىلىدىغان سەجدىگاھقا توغرىلىنىدۇ.

[4] (ناماز باشلاش ئۈچۈن دېيىلىدىغان «ئاللاھۇ ئەكبەر» — <تەكبىرەتۇل ئىھرام> دەپ ئاتىلىدۇ) كىشى تەكبىرەتۇل ئېھرام ئوقۇش بىلەن بىرگە ئىككى قولىنى مۈرەىسى باراۋىرىدە ياكى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ.

[5] (ئاندىن) ئوڭ قولىنى سول قولى ئۈستىگە قويۇپ، ئىككى قول بىرلىكتە كۆكرەك باراۋىرىدە قويىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلاتتى.

[6] (بۇنىڭدىن كېيىن) «ئىستىفتاھ دۇئاسى» (باشلاش دۇئاسى) ئوقۇش سۈننەتتۇر. رەسۇلۇللاھ ئوقۇغان مۇنۇ ئىستىفتاھ دۇئاسىنى ئوقۇسا بولىدۇ:«اللهم باعد بيني وبين خطاياي كما باعدت بين المشرق والمغرب، اللهم نقني من خطاياي كما ينقى الثوب الأبيض من الدنس، اللهم اغسلني من خطاياي بالماء والثلج والبرد» «ئى رەببىم! ….» (بۇخارى 744؛ مۇسلىم 598؛ نەسائى 895؛ ئەبۇ داۋۇد 781؛ ئىبنى ماجە 805؛ مۇسنەد ئەھمەد 2\231؛ دارىمى 1244)

ياكى مۇنۇ ئىستىفتاھ دۇئاسىنى ئوقۇسا بولىدۇ:«سبحانك اللهم وبحمدك، وتبارك اسمك وتعالى جدك ولا إله غيرك» (تىرمىزى 242؛ نەسائى 900؛ ئەبۇ داۋۇد 775؛ ئىبنى ماجە 804؛ مۇسنەد ئەھمەد 3\50؛ دارىمى 1239)  

ياكى يۇقىرىقىلاردىن باشقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوقۇغانلىقى ئىسپاتلانغان دۇئالاردىن قايسى بىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ. بەزىدە ئۇ خىل، بەزىدە بۇ خىل ئىستىفتاھ دۇئالىرىنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھقا ئەڭ كامىل رەۋىشتە ئەگىشىش جۈملىسىدىندۇر.

ئاندىن «أعوذ بالله من الشيطان الرجيم، بسم الله الرحمن الرحيم» دەيدۇ، ئاندىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«لا صلاة لمن لم يقرأ بفاتحة الكتاب»«نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇمىچىنىڭ نامىزى يوق.» (بۇخارى 714؛ مۇسلىم 595؛ تىرمىزى 230؛ نەسائى 901) سۈرە فاتىھەدىن كېيىن «ئامىن» دەيدۇ. «ئامىننى» قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ئۈنلۈك دەيدۇ، (قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدىغان نامازدا مەخپىي دەيدۇ.) ئاندىن، قۇرئاندىن ئۆزىگە ئاسان بولغاننى ئوقۇيدۇ.

[7] رۇكۇ. (ئاندىن) ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە ياكى ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ رۇكۇ قىلىدۇ. رۇكۇدا بېشىنى بىلەن دۈمبىسى پاراللىل ھالەتتە تۇتىدۇ. ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى ئاچقان ھالەتتە ئىككى تىزىنى قاماللاپ تۇتىدۇ. رۇكۇدا «سبحان ربي العظيم» (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم) دەيدۇ.  بۇنى رۇكۇدا ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ دېيىشى ئەۋزەلدۇر. بۇنى دېگەندىن كېيىن «سبحانك اللهم ربنا وبحمدك، اللهم اغفر لي» دېيىشى مۇستەھەب. رۇكۇدا كامىل تۇرىدۇ.

[8] (ئاندىن) رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، قوللىرىنى ئىككى مۈرىسى ياكى ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ ۋە (نامازدا ئىمام بولغۇچى ياكى ئۆز ئالدىغا ناماز ئوقۇغۇچى) «سمع الله لمن حمده» (ئاللاھ ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقۇچىنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلايدۇ، دېگەن مەنىدە) دەيدۇ. بۇ ھالەتتە ئۆرە تۇرغان ھالەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ربنا ولك الحمد حمدا كثيرا طيبا مباركا فيه ملء السماوات وملء الأرض وملء ما بينهما وملء ما شئت من شيء بعد» (بۇخارى 799؛ نەسائى 1062؛ ئەبۇ داۋۇد 770؛ مۇسنەد ئەھمەد 4\340؛ مۇۋەتتا مالىك 491)

 ئەگەر، كىشى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، ئىمام رۇكۇدىن تۇرۇپ «سمع الله لمن حمده» دېگەندە، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى «ربنا ولك الحمد» دەيدۇ ۋە داۋامىدا يۇقىرىدىكى ھەمدىنى ئوقۇيدۇ. رۇكۇدىن ئۆرە تۇرغاندا ئىمامنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلغۇچىلارنىڭ رۇكۇدىن ئاۋۋالقىدەك، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى قاماللاپ كۆكرىكى ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇشى مۇستەھەبتۇر. ساھابىلەردىن ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر ۋە سەھل ئىبنى سەئد (ئاللاھ بۇ ئىككەيلەندىن رازى بولسۇن) ئىككەيلەندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقى نەقىل قىلىنغان.

[9] (ئاندىن) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە — ئۆزىگە ئاسان توختىغان تەقدىردە — ئاۋۋال ئىككى تىزىنى، ئاندىن ئىككى قولىنى (سەجدە قىلىش ئۈچۈن) يەرگە قويىدۇ. ئەگەر ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن ئاۋۋال يەرگە قويۇپ سەجدە قىلىشتا قىيىنچىلىق بولىدىغان ئەھۋال بولسا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىدىن ئاۋۋال يەرگە قويىدۇ. سەجدىدە قول ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى قىبلىگە قارىتىلىدۇ. ئالقىنى ئېچىلىدۇ، ئىككى قولنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسى ئېچىلىماستىن، بارماقلار  ئۆز-ئارا جىپىسلاشقان ھالەتتە بولىدۇ. سەجدىدە يەتتە ئەزا باراۋەر سەجدە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ يەتتە ئەزا پېشانە، بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز، ئىككى پۇتنىڭ بارماقلىرىدىن ئىبارەت. سەجدىدە «سبحان ربي الأعلى» دەيدۇ، بۇنى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ (تاق) قېتىم تەكرارلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سەجدىدە «سبحانك اللهم ربنا وبحمدك، اللهم اغفر لي» دېيىش مۇستەھەب. سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىۋېلىشمۇ مۇستەھەب. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أما الركوع فعظموا فيه الرب، وأما السجود فاجتهدوا في الدعاء فقمن أن يستجاب لكم))«رۇكۇدا رەببىڭلارنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلاڭلار، سەجدىدە دۇئاغا كۈچەڭلار، چۈنكى سەجدىدە دۇئايىڭلار ھەممىدىن بەك ئىجابەت بولۇشى مۇمكىن.» (مۇسلىم 738؛ ئەبۇ داۋۇد 742؛ مۇسمەد ئەھمەد 1260) مەيلى نەپلە نامازدا بولسۇن، مەيلى پەرز نامازدا بولسۇن ئاللاھتىن دۇنيانىڭ ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن سوراش مۇستەھەبتۇر. سەجدىدە ئىككى بېلىكىنى بىقىنىغا چاپلاپ تۇتۇۋالماسلىق، ئىككى يوتىنى قورساققا چاپلىۋالماسلىق، ياكى ئىككى يۇتىنى پاچىقىغا چاپلىۋالماسلىق كېرەك. شۇنداقلا، سەجدىدە ئىككى جەينەك يەرگە تېگىپ قالماسلىقى لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ((اعتدلوا في السجود ولا يبسط أحدكم ذراعيه انبساط الكلب))«سەجدىنى ئۆلچەملىك قىلىڭلار. ئىتقا ئوخشاش ئىككى بېلىكىڭلارنى يەرگە چاپلىۋالماڭلار.» (بۇخارى 779؛ مۇسلىم 762؛ نەسائى 1098)

[10] (ئاندىن) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ. سول پۇتىنى يەرگە يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ (ئوڭ پۇتنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قاراتقان ھالەتتە) ئولتۇرىدۇ، ئىككى قول ئىككى تىز بىلەن ئىككى يوتىنىڭ تۇتاشقان جايىغا قويۇلىدۇ. مۇشۇ ھالەتتە «ب اغفر لي وارحمني واهدني وارزقني وعافني واجبرني» دەيدۇ (مۇسلىم 2696؛ مۇسنەد ئەھمەد 1\185) ۋە ئۈگە-ئۈگەلەر ئۆز جايىغا چۈشكەن ھالەتتە راۋۇرۇس ئولتۇرىدۇ.

[11] (ئاندىن) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ (ئىككىنچى قېتىملىق) سەجدە قىلىدۇ. ئىككىنچى سەجدىدە بىرىنچى سەجدىكىنىڭ ئوخشىشىنى قىلىدۇ.

[12] (ئاندىن) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرغىنىدەك ئاز مۇددەت ئولتۇرىدۇ. بۇ خىل ئولتۇرۇشنى «جلسة الاستراحة» «ئىستىراھەت ئولتۇرۇشى» دەيمىز. ئىستراھەت ئولتۇرۇشى مۇستەھەب بولۇپ، بۇ ئولتۇرۇشنى تەرك ئېتىش دۇرۇس. ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا (ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشقا ئوخشاش) زىكىر ۋە دۇئا بولمايدۇ. ئاندىن ئىككىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ. تۇرغاندا ئەگەر مۈشكۈلچىلىك بولمىسا ئىككى تىزىغا تايىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدا قىيىنچىلىق بولسا (ئىككى قولى بىلەن) يەرگە تايىنىش ئارقىلىق ئىككىنچى رەكئەتكە قوپىدۇ.

ئىككىنچى رەكئەتتىمۇ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ، سۈرە فاتىھەدىن كېين (ئۆزىگە ئاسان بولغان) باشقا سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ. ئاندىن، بىرىنچى رەكئەتتىكىگە ئوخشاش ھالەتتە نامازنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

[13] ئىككىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەنى، سۈرە فاتىھەدىن كېين (ئۆزىگە ئاسان بولغان) باشقا سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن رۇكۇ قىلىدۇ، ئىككىنچى رەكئەتتىكى رۇكۇ ۋە سەجدىلەر باشتىكىگە ئوخشاش. بامدات نامىزى ئىككى رەكئەتلىك پەرز ناماز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىنچى رەكئەتنىڭ ئىككىنچى سەجدىسىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ، سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ تىزىغا يېقىن يېرىگە قويۇپ، ئالقىنىنى يۇمىدۇ. كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىن باشقا ھەممە بارماقلىرى يۇمۇلغان ھالەتتە بولىدۇ. تەۋھىدنىڭ نىشانى سۈپىتىدە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆتۈرۈپ تۇتىدۇ. سول قول سول يوتىنىڭ تىزغا يېقىن يېرىگە قويىلىدۇ. ئوڭ قولنىڭ چىمچىلاق  ۋە نامسىز بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى ھالقا شەكلىگە كەلتۈرۈپ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆتۈرۈپ تۇتۇسىمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر بىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى جۈملىسىدىن. بەزىدە ھەممە بارماقنى يۇمۇپ كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارە قىلىپ، يەنە بەزىدە چەتتىكى ئىككى بارماقنى يۇمۇپ، باش بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى تەگكۈزۈپ چەمبەر ھاسىل قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارە قىلىش — يەنى، بەزى نامازدا باشتىكىنى، بەزى نامازدا كېيىنكىسىنى قىلىش ئەۋزەلدۇر. ئوڭ قولنىڭ ئوڭ يوتىسى بىلەن تىزىنىڭ تۇتاشقان جايىغا قويىدۇ ۋە مۇشۇ خىل شەكىلدە ئولتۇرغان ھالەتتە تەشەھھۇد ئوقۇيدۇ. تەشەھھۇد دۇئاسى مۇنداق:«التحيات لله والصلوات والطيبات، السلام عليك أيها النبي ورحمة الله وبركاته السلام علينا وعلى عباد الله الصالحين، أشهد أن لا إله إلا الله، وأشهد أن محمدا عبده ورسوله، اللهم صل على محمد وعلى آل محمد كما صليت على إبراهيم وآل إبراهيم إنك حميد مجيد، وبارك على محمد وعلى آل محمد كما باركت على إبراهيم وآل إبراهيم إنك حميد مجيد» (بۇخارى 831؛ مۇسلىم 402؛ نەسائى 1298؛ ئەبۇ داۋۇد 968؛ ئىبنى ماجە 899؛ مۇسنەد ئەھمەد 1\428؛ دارىمى 1340) ئاندىن تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ:«اللهم إني أعوذ بك من عذاب جهنم، ومن عذاب القبر، ومن فتنة المحيا والممات، ومن فتنة المسيح الدجال» (بۇخارى 1388؛ مۇسلىم 588؛ تىرمىزى 3604؛ نەسائى 5506؛ ئەبۇ داۋۇد 983؛ ئىبنى ماجە 909؛ مۇسنەد ئەھمەد 2\523؛ دارىمى 1244) ئاندىن ئۆزى خالىغان، دۇنيا ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ. تەشەھھۇدتا — مەيلى پەرز نامازنىڭ تەشەھھۇدى بولسۇن، مەيلى نەپلە نامازنىڭ تەشەھھۇدى بولسۇن — ئاتا-ئانىسى ۋەياكى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى دۇرۇس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تەشەھھۇد ھەققىدىكى مۇنۇ دۇئاسىنىڭ ھۆكمى ئومۇمىيدۇر: ((ثم ليتخير من الدعاء أعجبه إليه فيدعو)) «(تەشەھھۇدتا) ئۆزى ياقتۇرغان خالىغان دۇئانى قىلسا.» (بۇخارى 1377؛ مۇسلىم 588؛ تىرمىزى 3204؛ نەسائى 5506؛ ئەبۇ داۋۇد 983؛ ئىبنى ماجە 909؛ مۇسنەد ئەھمەد 2\523؛ دارىمى 1344) باشقا بىر ھەدىستە  ((ثم ليتخير بعد من المسألة ما شاء)) «ئاندىن ئۆزى خالىغان ئىش ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن» دەپ كەلگەن. (مۇسلىم 609) بۇ كىشىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىقىدىكى پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنىڭ يوللۇقلىقى جەھەتتىكى ئومۇمىي دەلىلدۇر. ئاندىن، «السلام عليكم ورحمة الله» دەپ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە «السلام عليكم ورحمة الله» دەپ سول تەرىپىگە سالام بېرىپ، نامازنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

بامدات نامىزىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھۆكۈملەر:

(1) ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى نامازنىڭ نىيىتىنى مەيلى ئاشكارا، مەيلى يوشۇرۇن ھالدا تىلىدا سۆزلىمەيدۇ. (2) ئۇچىسىدا پاكىز كىيىم بولغان ھالدا، ئەر كىشى ئەڭ كەمىدە ئىككى دولىسى بىلەن قوشۇپ تىزىغىچە بولغان ئەزالىرىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىم بىلەن، ئاياللار يۈزىدىن ۋە ئىككى قولىدىن باشقا ھەممە ئەزالىرىنى يېپىپ تۇرىدىغان كەڭرى كىيىم بىلەن ۋەقىبلىگە يۈز كەلتۈرىدۇ. بىر گۇرۇپپا ئالىم يۈزىدىن باشقا ھەممە ئەزالىرىنى تولۇق ئورۇشى مۇستەھەپ (ئەۋزەل) دەپ قارايدۇ. خانىم-قىزلار نامازدا پۇتىغا پايپاق كىيىشى ياكى كىيىمىنىڭ ئۇزۇن ئېتىكى پۇتىنى يېپىپ تۇرىدىغان ھالەتتە، پۇتىنىڭ ئوچۇق قالماسلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، خانىم-قىزلار نامازدا چېچىنىڭ، بويۇن، بىلەكلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. (3) ئەرلەرنىڭ بامدات نامىزىنىڭ (ۋە باشقا ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدىغان شام نامىزى ۋە خۇپتەن نامىزىنىڭ باشتىكى ئىككى رەكئىتىنىڭ) قىرائىتىنى ۋە ناماز ئىچىدىكى تەكبىرلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇشى سۈننەت. ئاياللار ھەممە نامازنى ۋە ھەممە قىرائەتلەرنى ئۈنسىز ئوقۇيدۇ. ئايال كىشىنىڭ يات ئەركىشى يوق ئەھۋالدا ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان پەرز نامازلارنى ۋە كېچىلىك نامازلارنى ئۈنلۈك ئوقۇشى دۇرۇس. ناۋادا ئايال كىشىنىڭ ئېرى ئايالىنىڭ نامازلارنى ئەر كىشى يوق جايدا، ئۆز ھۇجرىسىدىمۇ ئۈنلۈك ئوقۇشىنى ياقتۇرمىسا، يولدىشىنى رەنجىتىپ ئۆز-ئارا مېھىر مۇھەببەتكە تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن — ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارنىڭ ئۈنلۈك ناماز ئوقۇشى تەشۋىق قىلىنغان بىر ئىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن — ئۈنسىز ئوقۇشى لازىم. (4) مەيلى بامدات نامىزىدا، مەيلى باشقا نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇش پەرز. سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى بىلىدىغان تۇرۇپ، نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ھېسابلانمايدۇ. (بۇ ھۆكۈمدىن مۇنۇ ئەھۋال مۇستەسنا بولۇپ: ئىمامغا رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالىتىدە يېتىشكەن نامازخان ئىمامغا رۇكۇدىن باشلاپ ئەگەشكەن بولسا، بۇ كىشىنىڭ مۇشۇ رۇكۇسى بىر رەكئەت ناماز ھېسابلىنىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن ئىمامغا يېتىشكەن رۇكۇنىڭ ئالدىكى قىسىملارنى تولۇقلاپ ئوقۇشى كېرەك ئەمەس.)  بۇ ھۆكۈملەر باشقا نامازلارغىمۇ ئورتاقتۇر.

* بامدات نامىزىغا ياكى باشقا نامازلارغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ تەپسىلىي ماقالە-پەتىۋالارنى تور بېتىمىزنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىدىن ئىزدەش ئارقىلىق، ياكى مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلىرىدىن تاپالايسىز.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ