رەسۇلۇللاھتەك تاھارەت ئېلىش قائىدىسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
بۇ ماقالە ئەھلى سۇننەنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۆلىمالارىدىن ئىمام ئىبنى قۇدامەنىڭ «ئۇمدەتۇل فىقھ»، ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ «بۇلۇغۇلمەرام» ئەسىرىگە مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھماننىڭ يازغان شەرھى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى»، ئىمام ئىبنى باز پەتىۋا توپلىمىدىكى «تاھارەتنىڭ ۋاجىبلىرى ۋە ئۇنىڭ بايانى» ناملىق ماقالىسى ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ ماقالە يۇقارقى ئەسەرلەر ئاساسىدا ھەدىستىكى ئەڭ سەھىھ دەلىللەر سايىسىدا تەييارلاندى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئوخشاش تاھارەت ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر-بىر مۆمىن مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ ماقالىنىڭ ئەۋزەل پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
تاھارەت مۇنداق ئېلىنىدۇ.
بىرىنچى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالماقچى بولسا، تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىپ «بىسمىللاھ» دەپ قوللىرىنى ئۈچ قېتىم يۇياتتى. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك تاھارەت ئېلىپ «…ئاۋۋال ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى…» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەتتە بىسمىللاھ دېمىگەن كىشىنىڭ تاھارىتى يوق.»(ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى 25، ئىبنى ماجە 398؛ ئىبنى ھەجەر ‹بۇلۇغۇلمەرام› 46-نومۇرلۇق ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن.) ئىمام ئەھمەد: «بىسمىللاھ» دېيىش ھەققىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىغۇدەك ھەدىس يوق دېگەن. (سەفىيۇرراھمان-بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 46-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)
تاھارەت ئالماقچى بولغان كىشى تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن تۇرغاندا «بىسمىللاھ» (مەنىسى: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ‹باشلايمەن›) دېيىشى كېرەك. بىر تۈركۈم ئۆلىمالار تاھارەت ئېلىشتىن ئاۋۋال «بىسمىللاھ» دېيىشنى پەرز (=ۋاجىپ) دېگەن. بىراق، كىشى ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەبلىك «بىسمىللاھ» دېمەستىن تاھارەت ئالغان بولسا، ئۇنىڭ تاھارىتى دۇرۇس. (ئەللامە ئىبنى باز 10\98)
خۇلاسە شۇكى، تاھارەتنى «بىسمىللاھ» بىلەن باشلاش سۈننەت. چۈنكى، ھەر-بىر ئىشنى «بىسمىللاھ» بىلەن باشلاشنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىدىغان رىۋايەتلەر بىر-بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى.)
ئىككىنجى: ئېغىز ۋە بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقىلىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«… ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (قولىغا) سۇ ئالاتتى، بىر چاڭگال سۇ بىلەن ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ بېرەتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى…» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان؛ بۇلۇغۇلمەرام 51-نومۇرلۇق ھەدىس) بۇھەدىس ھەققىدە مۇھەددىس شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى مۇنداق دېگەن دېگەن: قولىدىكى بىر ئالقان سۇ بىلەن ھەم ئاغزىغا، ھەم بۇرنىغا سۇ ئالاتتى. تەلھە ئىبنى مۇسەررىفنىڭ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئايرىم-ئايرىم سۇ ئېلىپ (چايقىغىنىنى) كۆردۈم» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 49-نومۇرلۇق ھەدىسىدە بۇ ھەدىسنى زەئىپ (ئاجىز) دەپ باھالىغان) دېگەن بۇ ھەدىسىدىكى مۇسەررىفنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپتۇر. سۇبۇلۇسسالامنىڭ ئاپتورى ئىمام سەنئانى مۇنداق دېگەن: ئېغىز ۋە بۇرۇنغا بىرلىكتە ياكى ئايرىم-ئايرىم سۇ ئېلىش توغرىسىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر بولغانلىقى، ئېغىز بىلەن بۇرۇنغا بىرلىكتە سۇ ئېلىش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ تېخىمۇ سەھىھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىلى ئەھۋال سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 51-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى) ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك تاھارەت ئېلىپ «…ئاغزىغا سۇ ئېلىپ چايقىدى، ئاندىن بۇرنىغا سۇ ئالدى ۋە سۇنى چىقاردى…» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئۈچىنجى: يۈز ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك تاھارەت ئېلىپ «…ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى…» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس) يەنى: پېشانىنىڭ ئۈستىدىكى تۈك ئۈنگەن جايدىن ئېڭەككىچە ۋە ئىككى قۇلاق كەڭلىكىگىچە بولغان دائىرە يۇيۇلىدۇ. ئاندىن قويۇق ساقىلى بار كىشى ھۆل قولى بىلەن ساقاللىرىنى ئارىلايدۇ. (ئىمام ئىبنى قۇدامەن «ئۇمدەتۇل فىقھ») ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالسا ساقىلىغا خىلال قىلاتتى (يەنى ھۆل بارماقلىرى بىلەن ساقىلىنى ئارىلايتتى.)» (تىرمىزى توپلىغان، ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 37-نومۇرلۇق ھەدىس) (ساقالنى نېپىز قويۇش تۆتىلى مەزھەپتە چەكلەنگەنلىكىگە قارىماي، ساقىلىنى كامىل قويماستىن) ساقال ئاستىدىكى تېرە كۆرۈنگۈدەك دەرىجىدە نېپىز ساقال قويغان كىشى ساقىلىنىمۇ يۈز باراۋىرىدە يۇيىدۇ. (ئىمام ئىبنى قۇدامە «ئۇمدەتۇل فىقھ»)
تۆتىنجى: ئاندىن ئىككى قول جەينەك بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇلىدۇ. باشتا ئوڭ قول، ئاندىن سول قول يۇيۇلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا (ئەزالارنى يۇيۇشنى) ئوڭ تەرەپتىن باشلاڭلار.» (تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 42-نومۇرلۇق ھەدىس) ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك تاھارەت ئېلىپ «…ئاندىن ئوڭ قولىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن سول قولىنىمۇ ئوڭ قولىغان ئوخشاش ئۈچ قېتىم يۇدى…» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس)
بەشىنجى: ئاندىن باشقا مەسىھ قىلىنىدۇ. ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ باشقا مەسىھ قىلىش شەكلىنى بايان قىلىپ «… ۋە بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى…» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزى توپلىغان. نەسائىي بىلەن تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. ھەتتا ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ‹بۇلۇغۇلمەرام› 31-نومۇرلۇق ھەدىس) ھەزىرتى ئوسماننىڭ ھەدىسىدىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن. باشقا مەسىھ قىلغاندا قولغا يېڭىدىن سۇ ئېلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بېشىغا مەسىھ قىلىش شەكلىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:«قولىدىكى سۇدىن (يەنى بىلەكنى يۇغاندىن كېيىن قولدا قالغان نەملىكتىن) ئايرىم سۇ ئېلىپ بېشىغا مەسىھ قىلدى.» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 39-نومۇرلۇق ھەدىس) باشقا مەسىھ قىلىش شەكلى مۇنداق: ئىككى قولغا سۇ ئېلىنىپ، ئىككى قول بىلەن باشنىڭ ئالدى تەرىپىدىن گەدىنىگىچە ئارىلايدۇ، ئاندىن ئىككى قولنى كەينىگە ماڭغۇزۇپ، باشنىڭ ئالدى قىسىمىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:«(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېىشغا مەسىھ قىلسا) ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئارقىسىغىچە ئاپىراتتى، ئاندىن ئارقىسىغا ياندۇرۇپ باشلىغان جايىغا قايتۇرۇپ كېلەتتى.» (ئىمام بۇخارى 185-نومۇرلۇق ھەدىس؛ ۋە مۇسلىم توپلىغان ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 32-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئالتىنجى: ئاندىن ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىنىدۇ. يەنى: ئوڭ قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقنى ئوڭ قۇلاق تۆشۈكىگە، سول قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى سول قۇلاق تۆشۈكىگە تىقىلىدۇ، ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى ئىككى قۇلاقنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە بېغىشلار ھەرىكەتلەندۈرۈپ قۇلاقنىڭ ئارقىسى ھۆل بارماقتا تولۇق سىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىغا مەسىھ قىلدى ۋە كۆرسەتكۈچ بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقتى. باشبارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنىڭ سىرتىغا مەسىھ قىلدى.» (بۇھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام نەسائىي توپلىغان. ئىمام ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 33-نومۇرلۇق ھەدىس) ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇلىقىنى مەسىھ قىلىش ئۈچۈن قوللىرىغا يېڭىدىن سۇ ئالغىنى سابىت ئەمەس. ئەمما، ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنى سەھىھ يول بىلەن يېتىپ كەلگەن.(سەفىيۇررەھمان مۇبارەكفۇرى-بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 39-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىسى) قۇلاقنى مەسىھ قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن سۇ ئېلىنمايدىغانلىقىنى كۈچەيتىدىغان دەلىل ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت شەكلىنى بايان قىلىپ:«… قوللىرىدىن ئاشقان سۇدىن ئايرىم سۇ ئېلىپ بېشىنى (قۇلىقى بىلەن قوشۇپ) مەسىھ قىلدى.» (بۇلۇغۇلمەرام 39-ھەدىس) ئىمام ئىبنى ھەجەرمۇ بولۇغۇلمەرامدا مۇشۇ رىۋايەتنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلغان.
يەتتىنجى: ئاندىن ئىككى پۇت ھوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇلىدۇ. ئاۋۋال ئوڭ پۇت، ئاندىن سول پۇت يۇيۇلىدۇ. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك تاھارەت ئېلىپ «…ئاندىن ئوڭ پۇتىنى ھوشۇقىغىچە ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن سول پۇتىنى ھوشۇقىغىچە ئۈچ قېتىم يۇدى…» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كىشى تاھارەت ئەزالىرىنى بىر قېتىمدىن يۇسىمۇ، ئىككى قېتىمدىن يۇسىمۇ، ئۈچ قېتىمدىن يۇسىمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس. ياكى، بەزى ئەزالىرىنى ئىككى قېتىمدىن، باشقا ئەزالىرىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇسىمۇ يەنىلا دۇرۇس. ئەزالارنى يۇيۇش قېتىم سانىدا (ئۈچتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا) كەڭچىلىك بار. ئەمما، ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش ئەڭ ئەۋزەل. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 10\99)
بەزى ئەزانىڭ ئۈچ قېتىم، بەزىنسىىڭ ئىككى قېتىم يۇيۇلسىمۇ بولىدىغانلىقىغا مۇنۇ ھەدىس دەلىل بولىدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۈزىنى ئۈچ قېتىم، قولىنى ئىككى قېتىم يۇغانلىقى ۋە بېشىغا مەسىھ قىلغاندىن كېيىن پۇتىنى ئىككى قېتىم يۇيغانلىقى بايان قىلىنغان.» (تىرمىزى 47؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن: جەمئۇلفەۋائىد 539-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇنۇ ھەدىس ئەزالارنى بىر قېتىمدىن يۇيۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر بىر ئەزاسىنى بىر قېتىمدىنلا يۇيۇپ تاھارەت ئالدى.»(بۇخارى 157)
مۇنۇ ھەدىس ئەزالارنىڭ ئىككى قېتىمدىن يۇيۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەزالىرىنى ئىككى قېتىمدىنلا يۇيۇپ تاھارەت ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. (بۇخارى 158؛ جەمئۇلفەۋائىد 563-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەقتە يەنە تىرمىزى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن مۇشۇ مەزمۇندا ھەدىس رىۋايەت قىلغان، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ تىرمىزى بۇ ھەقتە ھەدىس بايان قىلغان، ئەلبانى ھەسەن ۋە سەھىھ دېگەن)
ئەللامە ئىبنى باز يەنە مۇنداق دەيدۇ: يۇقارقى ئۇسۇل تاھارەت ئېلىشتىن ئىلگىرى چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلمىغان كىشى ئۈچۈندۇر. تاھارەت ئېلىشتىن ئىلگىرى چوڭ ياكى كىچىك تەرەت ئالغان كىشىگە ئىستىنجا قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئىستىنجادىن كېيىن، يۇقارقى ئۇسۇلدا تاھارەت ئالىدۇ. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 10\99)
يەل قويۇۋېتىش، ئوخلاش، ئەۋرەتنى تۇتۇش، تۆگە گۆشى يېيىش قاتارلىق ئىشلار تاھارەتنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئەمما، يۇقارقى ئەھۋاللاردىن قايسى بىرى سەۋەبلىك تاھارەت سۇنغان بولسا، ئىستىنجا قىلىش كېرەك ئەمەس. (چۈنكى، ئەۋرەت ئەزا نىجاسەت بىلەن بولغانغان ئەمەس.) (ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 10\99)
تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش ئەۋزەل، ئوقۇماي قالسىمۇ كېرەك يوق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى ياخشى تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ‹ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ بىرلىكىگە ۋە شېرىكى يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دېسە، جەزمەنكى، ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. بۇلۇغۇلمەرام 54-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن تاھارەت توغرىسىدىكى ماقالىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. تاھارەت، ناماز ۋە باشقا مەزمۇندىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، مۇنبىرىمىزدىكى شۇ ھەقتىكى تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلغايسىز. ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ سانالار بولسۇن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.