سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((استَقيموا ولَن تُحصوا واعلَموا أنَّ خيرَ أعمالِكُمُ الصَّلاةَ ولا يحافظُ علَى الوضوءِ إلَّا مؤمنٌ)) «ئىستىقامەت يولىنى تۇتۇڭلار، (شۇنداقتىمۇ) بۇ جەھەتتە مۇكەممەل بولالمايسىلەر. بىلىڭلاركى، ئەمەل-ئىبادەتلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى نامازدۇر. مۆمىندىن باشقىسى تاھارىتىنى مۇھاپىزەت قىلمايدۇ.» ھەدىس خەزىنىسى تورى | hedisim.com (مۇۋەتتا مالىك 37؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 226؛ مىشكات مەسابىھ 292)
ئىستىقامەت — تاكى ئۆلگەنگە قەدەر ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىغا ئىزچىل ھالدا، قەتئىي ئىتائەت قىلىش؛ قۇرئان ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلغان ھالدا داۋاملىق ھەق ئۈستىدە بولۇشتۇر. (شەيخ ئابدۇرازاق ئەلبەدرى)
ھەدىستىكى «تاھارىتىنى مۆمىندىن باشقىسى مۇھاپىزەت قىلمايدۇ» جۈملىنىڭ مەنىسى — تاھارەت ئالغاندا كامىل تاھارەت ئېلىشقا ، تاھارەت ئالغاندا يۇيۇشى ۋاجىپ بولغان ئەزالارنى راۋۇرۇس، تولۇق يۇيۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر. (شەيخ سالىھ فەۋزان، شەيخ سالىھ ئۇسەيمى) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى