ناماز ئوقۇمىغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىيق ئەلئۇقەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((كَانَ أَصْحَابُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لَا يَرَوْنَ شَيْئًا مِنَ الأَعْمَالِ تَرْكُهُ كُفْرٌ غَيْرَ الصَّلَاةِ)) «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ھەر قانداق بىرىنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق سانىمايتتى، نامازنى تەرك ئېتىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا.(يەنى نامازنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق سانايتتى.)» hedisim.com (سۇنەن تىرمىزى 2622؛ بەغەۋى: شەرھۇس سۇننە)

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ بَيْنَ الرَّجُلِ وَبَيْنَ الشِّرْكِ وَالْكُفْرِ تَرْكُ الصَّلاَةِ)) «كىشى بىلەن شىرك ۋە كۇفۇر ئارىسىدىكى پاسىل نامازلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» hedisim.com (سەھىھۇل مۇسلىم؛ ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، مۇسنەد ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىس كىتاپلىرىدىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇت)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بَيْنَ الْعَبْدِ وَبَيْنَ الْكُفْرِ أَوِ الشِّرْكِ تَرْكُ الصَّلَاةِ فَإِذَا تَرَكَ الصَّلَاةَ فَقَدْ كَفَرَ))«كىشى بىلەن كۇفۇر ۋە شىرك ئارىسىدىكى پاسىل نامازنى تەرك ئېتىشتۇر. ئەگەر كىشى نامازنى تەرك ئەتسە كاپىر بولىدۇ.» hedisim.com (تعظيم قدر الصلاة لمحمد بن نصر المروزي)

— ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ