ھەدىس | كېچىلەردىن جۈمە كېچىسىنىلا تاللاپ نەپلە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن خاسلاشتۇرۇۋالماڭلار. كۈنلەردىن جۈمە كۈنىنىلا تاللاپ نەپلە روزا تۇتۇش ئۈچۈن خاسلاشتۇرۇۋالماڭلار

1761- وعنه ، قَالَ : سَمِعْتُ رسولَ اللهِ  ، يقولُ : (( لاَ يَصُومَنَّ أحَدُكُمْ يَوْمَ الجُمُعَةِ إِلاَّ يَوماً قَبْلَهُ أَوْ بَعْدَهُ )) . متفق عَلَيْهِ .

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كېچىلەردىن جۈمە كېچىسىنىلا تاللاپ نەپلە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن خاسلاشتۇرۇۋالماڭلار. كۈنلەردىن جۈمە كۈنىنىلا تاللاپ نەپلە روزا تۇتۇش ئۈچۈن خاسلاشتۇرۇۋالماڭلار؛ لېكىن، سىلەردىن بىرىڭلاردىن تۇتۇۋاتقان روزىسى جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا بۇنىڭدا مەسىلە يوق.» hedisim.com (مۇسلىم 1930، رىيازۇس سالىھىن 1761)

وعن محمد بن عَبَّادٍ ، قَالَ : سَأَلْتُ جَابِراً  : أنَهَى النَّبِيُّ  عَنْ صَومِ الجُمُعَةِ ؟ قَالَ : نَعَمْ . متفق عَلَيْهِ .

مۇھەممەد ئىبنى ئابباد رەھىمەھۇللاھ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: جابىر (ئىبنى ئابدۇللاھ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە كۈنى نەپلە روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ زات «شۇنداق» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 1848؛ مۇسلىم 1928؛ رىيازۇس سالىھىن 1763)


— ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ