دىندىكى ئۈستۈن ماقاملارغا قانداق يېتىمىز؟
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يَا أَبَا هُرَيْرَةَ كُنْ وَرِعًا، تَكُنْ أَعْبَدَ النَّاسِ، وَكُنْ قَنِعًا، تَكُنْ أَشْكَرَ النَّاسِ، وَأَحِبَّ لِلنَّاسِ مَا تُحِبُّ لِنَفْسِكَ، تَكُنْ مُؤْمِنًا، وَأَحْسِنْ جِوَارَ مَنْ جَاوَرَكَ، تَكُنْ مُسْلِمًا، وَأَقِلَّ الضَّحِكَ، فَإِنَّ كَثْرَةَ الضَّحِكِ تُمِيتُ الْقَلْبَ))
«ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! (ئاخىرىتىڭ ئۈچۈن زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق) ۋەرا ئەھلىدىن بولغىن، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئابىدى (يەنى ئىتائەتمىنى ۋە ئىبادەتگۇيى) بولىسەن. قانائەتچان بولغىن، كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ئەڭ كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بولىسەن. ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئىش ياكى نەرسىنى باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرگىن، مۆمىن بولىسەن. قۇلۇم-قوشنىلىرىڭغا ياخشىلىق قىلغىن، مۇسۇلمان بولىسەن. ئاز كۈلگىن! چۈنكى، كۆپ كۈلۈش قەلىبنى ئۆلتۈرۈىدۇ.» hedisim.com
(مۇسنەد ئەھمەد 2\310؛ سۇنەن تىرمىزى 2305؛ سۇنەن ئىبنى ماجە 4217؛ ئىمام ئەلبانى ۋە باشقا بىر تۈركۈم مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن) ۋەرا ساھىبى — ئاخىرىتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىشلارنى تەرك ئەتكۈچىدۇر. (ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى ئۇسەيمىن) | فۇرقان دەۋەت مەركىزى