ھەدىس | شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشتە مۇنۇ مەقسەتلەردىن ساقلىنىڭ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ تَعَلَّمَ الْعِلْمَ لِيُبَاهِيَ بِهِ الْعُلَمَاءَ وَيُمَارِيَ بِهِ السُّفَهَاءَ وَيَصْرِفَ بِهِ وُجُوهَ النَّاسِ أَدْخَلَهُ اللَّهُ جَهَنَّمَ))

«كىمكى شەرئىي ئىلىمنى ئۆلىمالارغا قارشى پەخىرلىنىش ئۈچۈن1، ياكى ئەخمەقلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن2، ياكى ئىلىمى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن ئۆگەنسە، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا تاشلايدۇ.» hedisim.com (سۇنەن ئىبنى ماجە؛ السراج المنير في ترتيب أحاديث صحيح الجامع الصغير 263؛ سەھىھ) [1.2. شرح سنن ابن ماجة – الراجحي ١٧/١٣]

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ