ھەدىس | شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((طلب العلم فريضة على كل مسلم)) «شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.» hedisim.com (تەبرانى، ئىبنى ھىببان، جامىئۇس سەغىر؛ سەھىھ) 

ئالىملار بۇ ھەدىستىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆگىنىشى پەرز بولغان شەرئىي ئىلىمنى — تەۋھىد ئىلىمى، تاھارەت، ناماز، زاكات، روزا، ھەج فىقھى؛ كىشى ئۆزى نامازدا ئوقۇيدىغان سۈرە-ئايەتلەرنى توغرا ئوقۇشنى ئۆگىنىش، شۇنداقلا كىشىنىڭ ئۆزى شۇغۇللانماقچى بولغان ئىشقا ئالاقىدار ھالال ھاراملارنى ئۆگىنىش قاتارلىقلار دېگەن.

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ