ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((قُلْتُ يَا رَسُولَ اللَّه، نَرى الجِهَادَ أَفضَلَ العملِ، أفَلا نُجاهِدُ؟ فَقَالَ:»لكِنْ أَفضَلُ الجِهَادِ: حَجٌّ مبرُورٌ»)) مەن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! جىھادنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ئىبادەت ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. شۇنداق ئىكەن، بىز (ئاياللار) مۇ جىھاد قىلايلىمۇ؟» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەر (ئاياللار) ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل جىھاد: قوبۇل بولۇنغان ھەجدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 1423، رىيازۇس سالىھىن 1276) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن شەرھى: قوبۇل بولۇنغان ھەج: (1) رىيادىن خالىي ھالدا پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان؛ (2) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن قىلىنغان؛ (3) ھارام ئارىلاشمىغان، ھالالدىن تېپىلغان پۇل-مال سەرپ قىلىنغان؛ (4) جىما ۋە باشقا تۈرلۈك ھارام، گۇناھلىق ئىشلەردىن ئۇزاق تۇرۇش ئاساسىدا قىلىنغان ھەجدۇر. مانا بۇنداق ھەج قىلغان كىشىنىڭ جىمى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىپ، ئانىسىدىن يېڭى تۇغۇلغان چاغدىكىدەك گۇناھسىز ھالغا كېلىدۇ. (شرح رياض الصالحين 4\410) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى