ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ فِي الْجَنَّةِ غُرَفًا يُرَى ظَاهِرُهَا مِنْ بَاطِنِهَا، وَبَاطِنُهَا مِنْ ظَاهِرِهَا، أَعَدَّهَا اللَّهُ لِمَنْ أَلَانَ الْكَلَامَ، وَأَطْعَمَ الطَّعَامَ، وَتَابَعَ الصِّيَامَ، وَصَلَّى بِاللَّيْلِ وَالنَّاسُ نِيَامٌ)) «جەننەتتە تېشىدىن ئىچى كۆرىنىپ تۇرىدىغان، ئىچىدىن تېشى كۆرىنىپ تۇرىدىغان قەسىرلەر باردۇر. ئاللاھ بۇ قەسىرلەرنى يۇمشاق سۆزلۈك، باشقىلارغا يېمەك-ئىچمەك بېرىدىغان، كۆپ روزا تۇتىدىغان، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا كېچىلىك ناماز ئوقۇيدىغان (مۆمىنلەر) ئۈچۈن تەييارلاپ قويدى.» hedisim.com | ھەدىس خەزىنىسى تورى (المعجمالكبير للطبراني ٣/٣٠١؛ مسند أحمد، ٥/٣٤٣؛ المستدرك على الصحيحين للحاكم ١/٤٦٦؛ ھاكىم: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2123) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەييارلىدى
* يۇمشاق سۆزلۈك — يەنى ئائىلىسىدىكىلەرگە، تۇغقانلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا يۇمشاق سۆز قىلىدىغان، ئۇلارنى تىلى بىلەن رەنجىتمەيدىغان كىشىدۇر. مۇسۇلمانلارغا گۈزەل سۆز بىلەن ۋەز-نەسھىەت قىلىدىغان، يېقىن يورۇقلىرىغا باشقا مەقسەت ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا يۇمشاق سۆز بىلەن ئەھۋال سوراپ، سالام قىلىپ، ھال-ئەھۋال سورىشىدىغان، ئۇلارنى ياخشى سۆزلەر بىلەن توغرىغا يېتەكلەيدىغان ۋە سەمىمىي ھالدا ياخشى سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
لېكىن، يامانلىقلارغا، بىدئەتلەرگە، ھارام ئىشلارغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن مەجبۇر بولغاندا قاتتىق سۆز قىلىش يۇقىرىقىدەك «يۇمشاق سۆزلۈك» كىشىنىڭ سۈپىتى بولۇشى تامامەن مۇمكىن. چۈنكى، ساھابىلەر ئەڭ يۇمشاق سۆزلۈك كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي، مۇنكەر، بىدئەت ئەمەللەر قىلغان ۋالىي، ھۆكۈمرانلارغا قاتتىق سۆز قىلغان. «يۇمشاق سۆزلۈك» بولۇش ياخشى ئىشنىڭ قارشىسىدىكى، يامان ئىشنىڭ قارشىسىدىمۇ دائىما يۇمشاق تۇرۇۋېلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن غەزەپلىنىش، ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈشمۇ ئوخشاشلا ئىماننىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بولۇپ، بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇت.