ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشى ئىبادەت ئۈچۈن بولسىمۇ دۇرۇس ئەمەس | ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا

عَنْ مَنْبُوذِ بْنِ أَبِي سُلَيْمَانَ، عَنْ أُمِّهِ، أَنَّهَا كَانَتْ عِنْدَ عَائِشَةَ زَوْجِ النَّبِيِّ ﷺ أُمِّ الْمُؤْمِنِينَ، فَدَخَلَتْ عَلَيْهَا مَوْلَاةٌ لَهَا فَقَالَتْ لَهَا: «يَا أُمَّ الْمُؤْمِنِينَ، طُفْتُ بِالْبَيْتِ سَبْعًا، وَاسْتَلَمْتُ الرُّكْنَ مَرَّتَيْنِ أَوْ ثَلَاثًا، فَقَالَتْ لَهَا عَائِشَةُ: لَا آجَرَكِ اللَّهُ، لَا آجَرَكِ اللَّهُ، تُدَافِعِينَ الرِّجَالَ أَلَا كَبَّرْتِ وَمَرَرْتِ»

ئىمام شافي مۇسنەدىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ سۇلايمان ئانىسىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: ئەبۇ سۇلايماننىڭ ئانىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئىدى. بۇ پەيتتە ئۇنىڭ يېنىغا ئۇ قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان ئاياللاردىن بىرى كىرىپ مۇنداق دېدى: «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلدىم، (ھەجرۇلئەسۋەد) رۇكنىنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم سىلىدىم» دېۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ساڭا ئەجىر بەرمىسۇن، ئاللاھ ساڭا ئەجر بەرمىسۇن. (ئەرلەرگە ئارىلىشىپ رۇكنغا يېقىنلىشىشنىڭ ئورنىغا) ئەرلەردىن ساقلىنىپ، (رۇكنىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ) تەكبىر ئېيتىپ (ھەجرۇل ئەسۋەدكە سالام قىلىپ)، ئاندىن ئۆتۈپ كېتىۋەرسەڭ بولمامتى؟» hedisim.com (مۇسنەد شافىي، معرفة السنن والآثار ٧/٢٢٠ — أبو بكر البيهقي، السنن الكبرى – البيهقي – ط العلمية ٥/١٣١، السنن الكبرى للبيهقي برقم (٩٣٤٩) | ھەدىس خەزىنىسى تورى
كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ھەجرۇل ئەسۋەدنى سىلاپ-سۆيگەن ئايالغا ئائىشە ئانىمىز (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) «ئاللاھ ساڭا ئەجىر بەرمىسۇن» دەپ كايىدى. ئائىشە ئانىمىز ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشىنى، ئىپپەت ھايانى قۇرئاندىن ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىۋاستە تەلىم ئالغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىۋاستە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەر ۋە ئايال ساھابىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىم ئىدى. ئىپپەت-ھايانىڭ ۋە تەقۋالىق نەمۇنىسى ئىدى. ھالال-ھارامنى، قايسى ئىشنىڭ چوڭ پىتنىلەرگە ۋە ھاراملارغا يول ئېچىشىنى ئەڭ ياخشى بىلەتتى. ئەرلەر ئارىسىدىن ئارىلاپ ئۆتۈپ، ھەجرۇل ئەسۋەدنى سىلاپ-سۈيىمەن دەپ يېقىنلىشىپ بۇ قىلمىشىنى تەكرارلىغان ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلەنگەن ئايالغا  ئائىشە ئانىمىز يۇقىرىقىدەك قاتتىق ئېغىر تەنبىھ بەردى. كۈنىمىزدە، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى خېلى بەك ئالىم، ئالىمە سانايدىغان؛ دىندار، تەقۋا سانايدىغان كىشىلەرمۇ يات ئاياللار ۋە يات ئەرلەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قوپۇشۇپ، بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى ئاز كەلدى دەپ تورلاردا تەشۋىق قىلىپ يۈرۈشمەكتە. بۇ جەھەتتە ئاللاھتىن ھايا قىلىشنى، دىننىڭ ھالال-ھاراملىرىغا رىئايە قىلىشنى تامامەن ئۇنتۇپ، دىنغا زىت يول تۇتماقتا. ئائىشە ئانىمىز كۈنىمىزدە ھايات بولسا بۇنداقلارغا نېمە دەر بولغۇيتتى-ھە؟

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ