ھەدىس | ئاللاھقا دۇئا قىلمايدىغان كىشىگە ئاللاھ غەزەپ قىلىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

((مَن لَم يدعُ الله سبحانه غَضِبَ عليه))

«ئاللاھقا دۇئا قىلمايدىغان كىشىگە ئاللاھ غەزەپ قىلىدۇ.» hedisim.com 

(مۇسنەد ئەھمەد 2\443؛ تىرمىزى 3373؛ ئىبنى ماجە 3827؛ ئىمام ئىبنى كەسىر سەنەدىدە مەسىلە يوق دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) * مەنىسى: ئاللاھتىن ھاجەتلىرىنى سوراپ، ئاللاھتىن دىنىي ۋە دۇنياۋىي نېمەتلەرنى تىلەپ دۇئا قىلمىغان كىشى ئۆزىنى ئاللاھتىن بىھاجەت سانىغان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ بۇنداق كىشىگە غەزەپ قىلىدۇ. 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ