ھەدىس | رەسۇلۇللاھ بىدئەتچىلەرنى مۇنداق سۈپەتلىگەن

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئەۋەتكەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ، ئۆز ئۈممىتى ئىچىدە ياردەمچىلىرى ۋە ساھابىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بىلەن ئەمەل قىلىپ، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بويسۇناتتى. ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغان ئىشىنى سۆزلەيدىغان، (پەيغەمبىرى) ئەمر قىلمىغان ئىشنى (يەنى بىدئەتلەرنى) قىلىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىم قولى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم تىلى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم بۇنداقلارغا قەلبى بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر. (پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن سۈننەتتىن باشقىسى بىلەن ئەمەل قىلىدىغانلارغا قارشى) قەلبى بىلەن بولسىمۇ جىھاد قىلمايدىغانلاردا قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىكمۇ ئىمان يوقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 86) (( مَا مِنْ نَبِيٍّ بَعَثَهُ اللَّهُ فِي أُمَّةٍ قَبْلِي إِلَّا كَانَ لَهُ مِنْ أُمَّتِهِ حَوَارِيُّونَ وَأَصْحَابٌ يَأْخُذُونَ بِسُنَّتِهِ وَيَقْتَدُونَ بِهَا ثُمَّ يَخْلُفُ مِنْ بَعْدِهِمْ خُلُوفٌ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ وَيَفْعَلُونَ مَا لَا يُؤْمَرُونَ فَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِيَدِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِلِسَانِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِقَلْبِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَلَيْسَ وَرَاءَ ذَلِكَ مِنَ الْإِيمَانِ حَبَّةُ خَرْدَلٍ))

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ