ئەبۇ ئۇمامە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ماڭا ئالتە ئىشنى قىلماسلىققا كېپىل بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كېپىل بولاي: سىلەردىن ھەركىم سۆزلىگەندە يالغان سۆزلىمىسۇن؛ ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئامانەت قىلىنسا، ئامانەتكە خىيانەت قىلمىسۇن؛ ۋەدە قىلسا، ۋەدىسىدە تۇرسۇن؛ كۆزۈڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار، قوللىرىڭلارنى (ھارامدىن) ئۇزاق تۇتۇڭلار ۋە ئىپپىتىڭلارنى ساقلاڭلار.» hedisim.com (تەبرانى: ئەلكەبىر 8018؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 2560؛ ھەيسەمى 10\301؛ سەنەدىدە فەددال ئىبنى زۇبەير بار؛ فەددال ئىبنى جۇبەير ئىكەنلىكىمۇ سۆزلەنگەن، زەئىپ راۋىي دېيىلگەن؛ لېكىن ھەدىسنىڭ شاھىدى بار.-ئابدۇرازاق مەھدى: تەپسىر ئىبنى كەسىر تەخرىجى)