ئۇممۇ ھۇمەيد سائىدىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ ئۆز ھۇجرىسىدا ئوقۇغان نامىزى ئۆيىدە (يەنى ئۆيىنىڭ ھۇجرىسىدىن باشقا خانىسىدە) ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى ھويلىسىدا ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. ھويلىسىدا ئوقۇغان نامىزى (مەھەللە) مەسجىدىدە ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. ئۆز قەۋمىنىڭ مەسجىدىدە ئوقۇغان نامىزى مېنىڭ مەسجىدىمدە ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر.» hedisim.com [أخرجه أحمد ٤٥/ ٣٧؛ وابن خزيمة (١٦٨٩) وابن عبد البرّ في التمهيد: ٢٣/ ٣٩٨؛ الألباني : صحيح الترغيب 342، حسن] ((صلاةُ المرأة في بيتها أفضل من صلاتها في حُجرَتِها، وصلاتُها في حُجْرَتِهَا خيرٌ من دَارِهَا، ودارها خير لها من مسجِدِهَا. ومسجدُ عَشِيرَتهَا خيرٌ لها من مَسْجِدِي)) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى (mujtehid.com | hedisim.com)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 256) سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: (لو أدرك رسول الله صلى الله عليه وسلم ما أحدث النساء لمنعهن كما منعت نساء بني إسرائيل) «ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۈگۈنكى ئاياللارنىڭ پەيدا قىلغانلىرىغا ئۇچراشقان بولسا، بەنى ئىسرائىل ئاياللىرى ئىبادەت ئورۇنلىرىدىن چەكلەنگىنىدەك، (مۇسۇلمان) ئاياللارنى چوقۇم (مەسجىدكە چىقىشتىن) چەكلىگەن بولاتتى.» hedisim.com (بۇخارى 831؛ مۇسلىم 445)
* ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاياللارنىڭ مەسجىدكە چىقىشىنى يامان كۆرۈشى يۈزلەر ئېچىلمىغان، كىيىملەر تارىيىپ قىسقارمىغان، مەسجىدلەردە ياكى كوچىلاردا ئەر ئاياللار ئارىلىشىپ كەتمىگەن، نىفاق كۆپەيمىگەن، گۇناھلار ئاشكارا بولمىغان، ئىپپەت-ھايا يوقىمىغان، مەسجىدكە ئەرلەر باشقا ئىشىكتىن، ئاياللار باشقا ئىشىكتىن كىرىدىغان سائادەت دەۋرلىرىدىكى ئاياللارغا قارىتا ئىدى. بۈگۈنكى ئاياللارنى ئەرلىرى مەسجىدكە چىقىشتىنغۇ چەكلىمىسۇن، ئەمما، نامەھرەم ئەرلەر بىلەن بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاتالمىش دەرس، يىغىن ۋە سۆھبەتلەرگە ھېچ ئىككىلىنىپ يۈرمەيلا يولغا سېلىپ قويىدىغان ناچار ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇ سورۇنلاردا يات ئەرلەر بىر نەچچە مېتىر يەردىنلا يات ئايالنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرىدۇ. ئائىشە ئانىمىز ياكى سائادەت دەۋرىدىكى ئىسلام بۈيۈكلىرى بۇ خىل پەسكەش رېئاللىقىمىزنى كۆرسە نېمىلەرنى دەر، نېمىلەرنى قىلار بولغۇيتتى ھە!
شەيخ ئەزىم ئابادى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: نېمە ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى نېمىشقا (مەسجىدتە ئوقۇغان نامىزىدىن) ئەۋزەل دېگەندە، چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇشى ئۇنىڭ پىتنىدىن (يەنى يات ئايال كىشىنى كۆرۈپ كۆز ياكى قەلب زىناسى قىلىشىدىن، ياكى ئايال كىشىنىڭ بۇ جەرياندا بىرەر گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن) ئەمىن قالىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاياللار ئارىسىدا كامىل ھىجاپلىنىشنىڭ چېكىنىپ، زىننەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. [عون المعبود » ( 2 / 193 )]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((المَرْأَةُ عَوْرَةٌ فَإِذَا خَرَجَتْ اسْتَشْرَفَهَا الشَّيْطَانُ)) «ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر. ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا، شەيتان ئۇنى تاماشا قىلىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 1173؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 1685؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 5\138؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 9174؛ سەھىھ ھەدىس)