ھەدىس | تۇل ئايال ئۆزىنى ئۆزى ئەرگە بېرەلمەيدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ۋەلىسىز نىكاھ يوقتۇر.» hedisim.com (ئەھمەد 1\250؛ ئىبنى ھىببان 4075) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئەرگە بېرەلمەيدۇ، باشقا ئايال كىشىنىمۇ ئەرگە بېرەلمەيدۇ.» hedisim.com (ئىبنى ماجە 1882) تۇل ئايال ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ نىكاھلىنىشىغا رازى بولۇشى كېرەك. توي قىلمىغان قىز بولسا، سۈكۈت قىلىشى يېتەرلىك. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۇل ئايالنىڭ رۇخسىتى ئېلىنماستىن ئەرگە بېرىلمەيدۇ. توي قىلمىغان قىزنىڭ ماقۇللۇقى بولماستىن ئەرگە بېرىلمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! توي قىلمىغان قىزنىڭ ماقۇللۇقى نېمە؟» دەپ سورالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۈكۈت قىلىش» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 5136؛ مۇسلىم 1419) [ئىمام ئىبنى باز]

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ