ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ | رەسۇلۇللاھ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرىدىغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى رافىئ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ رَفَعَ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَإِذَا أَرَادَ أَنْ يَرْكَعَ وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ، وَكَانَ لَا يَفْعَلُ ذَلِكَ فِي شَيْءٍ مِنْ سُجُودِهِ، وَإِذَا قَامَ مِنَ السَّجْدَتَيْنِ مِثْلَ ذَلِكَ)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇ قىلماقچى بولسا ۋە رۇكۇدىن تۇرسىمۇ ئىككى قولىنى مۇشۇنداق كۆتۈرەتتى، ئەمما سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە بۇنداق قىلمايتتى. ئىككى سەجدىدىن (كېيىنكى رەكئەتكە) تۇرغاندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى.» hedisim.com (بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 2304؛  2\37 سۇنەن ئىبنى ماجە 864؛ بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ داۋۇد سۇنەندە (744) ۋە ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە نەقىل قىلغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ