نامازدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئون سەھىھ ھەدىس

نامازدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئون سەھىھ ھەدىس

ھەدىس خەزىنىسى تورى تەييارلىدى
(mujtehid.com | hedisim.com)

رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېييىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا بۇ ئىمام خارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئۈچ سەھىھ ھەدىس

ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن

[1] سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ دادىسىدىن (يەنى ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپتىن) مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ((أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ، كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ، وَإِذَا كَبَّرَ لِلرُّكُوعِ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَهُمَا كَذَلِكَ أَيْضًا، وَقَالَ: (سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ). وَكَانَ لَا يَفْعَلُ ذَلِكَ فِي السجود.)) رەسۇلۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى باشلىغاندا، رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئوخشاشلا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى ۋە  (رۇكۇدىن ئۆرە تۇرغاندا) «سەمىئەللاھۇ لىمەدەن ھەمىدەھ، رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەيتتى. لېكىن سەجدىدە قوللىرىنى كۆتۈرمەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 258؛ مۇسلىم 290)

سەلەف دەۋدىرىكى ھەدىس پېشىۋاسى، ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى ئەلىي ئىبنى مەدىينىي (ۋ: 234) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

«بۇ ھەدىس كىشىلەر ئۈچۈن ھۆججەتتۇر. بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى بۇ ھەدىس بويىچە ئەمەل قىلىشى لازىم. چۈنكى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق.» (رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\14)

* ئىمام زەھەبى «سير أعلام النبلاء» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئەلىي ئىبنى مەدىينىينى «ھەدىستە ئەمىيرۇل مۇئمىنىن» دەپ ئاتىغان. ئەلىي ئىبنىي مەدىينىدىن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام بۇخارى قاتارلىق زاتلار ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلىي ئىبنى مەدىينىي توغرۇلۇق «ھەدىسشۇناسلىقتا ھېچكىم يېتىپ باقمىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى» دېگەن. (سير أعلام النبلاء 11\42)

ئىمام بۇخارى سالىم ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (رَفْعُ الْأَيْدِي حَقٌّ عَلَى الْمُسْلِمِينَ) «نامازدا (قوللارنى كۆتۈرىدىغان ئورۇنلاردا) قوللارنى كۆتۈرۈش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈسىتىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 9)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاققا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.» hedisim.com (الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن، شۇنداقلا بىرىنچى تەشەھھۇدتنى تۈگىتىپ، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرۈش ئەرلەرگىلا خاس ئەمەل ئەمەس، ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئورتاقتۇر.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئايال ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىدىن ھېسابلانغان ئۇممۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 7)

ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[2] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ إذا قام في الصلاة، رفع يديه حتى تكونا حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَكَانَ يَفْعَلُ ذَلِكَ حِينَ يُكَبِّرُ لِلرُّكُوعِ، وَيَفْعَلُ ذَلِكَ إِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ، وَيَقُولُ: (سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ). وَلَا يفعل ذلك في السجود.)) مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرسا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىمۇ ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى ۋە «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەيتتى. سەجدىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرمەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 703)

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىبنى ئەجلاننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان (سەنەدلەر قىسقارتىلدى) : مەن (ساھابە زەرقىي ئەلئەنسارىي ئەلمەدىينىينىڭ ئوغلى) نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياش رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: (لِكُلِّ شَيْءٍ زِينَةٌ، وَزِينَةُ الصَّلَاةِ أَنْ تَرْفَعَ يَدَيْكَ إِذَا كَبَّرْتَ، وَإِذَا رَكَعْتَ، وَإِذَا رَفَعْتَ رَأْسَكَ مِنَ الرُّكُوعِ) «ھەممە ئىشنىڭ زىننىتى بولىدۇ. نامازنىڭ زىننىتى نامازنى باشلىغان چېغىڭدا، رۇكۇغا بارىدىغان چېغىڭدا ۋە رۇكۇدىن تۇرغان چېغىڭدا ئىككى قولۇڭنى كۆتۈرۈشۈڭدۇر.» hedisim.com (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 45) * ئىمام بۇخارى تارىخ ئەلئەۋسەت ناملىق ئەسىرىدە بۇ سۆزنى قىلغۇچى نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياشنىڭ ساھابە زىرقىي ئەلئەنسارىي ئەلمەدىينىينىڭ ئوغلى بولۇپ، نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياشنىڭ بەك كۆپ ساھابىگە ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ساھابىلەرنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى ياشتا چوڭ كىشى ئىكەنلىكىنى، دادىسى زىرقىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئات باقارى بولغانلىقىنى نەقىل قىلغان. (التاريخ الأوسط لالبخاري 1\219)

ساھابە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
عَنْ أَبِي قِلَابَةَ:أَنَّهُ رَأَى مَالِكَ بْنَ الْحُوَيْرِثِ: إِذَا صَلَّى كَبَّرَ وَرَفَعَ يَدَيْهِ، وَإِذَا أَرَادَ أَنْ يَرْكَعَ رَفَعَ يَدَيْهِ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَ يَدَيْهِ، وَحَدَّثَ: أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ صنع هكذا.

[3] ئەبۇ قىلابە ھەدىس سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ (ساھابە) مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىسنىڭ ناماز ئوقۇسا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى، رۇكۇ قىلماقچى بولسىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس (بۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بولۇپ) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مانا مۇشۇنداق قىلاتتى. hedisim.com (بۇخارى 704؛ مۇسلىم 391)

ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن

[4] ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ قَالَ: كَانَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ «يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ حِينَ يُكَبِّرُ يَفْتَتِحُ الصَّلَاةَ وَحِينَ يَرْكَعُ»)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەكبىر ئېيتىپ نامازنى باشلىغاندا ۋە رۇكۇ قىلغاندا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.» hedisim.com (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 44)

ساھابە ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[5] ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئابدۇررازاق مۇنداق دېگەن: مەككىلىك (ھەدىسشۇناس) زاتلار مۇنداق دېيىشەتتى: ئىبنى جۇرەيج نامازنى (تابىئىن ئىمام) ئەتا ئىبنى ئەبى راباھتىن ئۆگەنگەن، ئەتا نامازنى (ساھابە) ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردىن ئۆگەنگەن، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير (چوڭ دادىسى) ئەبۇ بەكرى سىددىقتىن ئۆگەنگەن، ئەبۇ بەكرى سىددىق بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئۆگەنگەن. (ئابدۇررازاق مۇنداق دەيدۇ) «مەن نامازنى ئىبنى جۇرەيجدىنمۇ گۈزەل ئوقۇيدىغان كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىبنى جۇرەيج (رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن) قوللىرىنى كۆتۈرەتتى.» hedisim.com (مسند أحمد 73؛ سۇيۇتى: جامع الأحاديث ٢٤/‏٤٧٢ رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\9)

ساھابە ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەن

[6] ئىمام ھاكىم ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئەبۇ ئىسمائىل تىرمىزى مۇنداق دېدى: مەن ئەبۇ نۇئمان ئىبنى فەزلنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ نامازغا كىرىش تەكبىرىدە ئىككى قولىنى كۆتۈردى، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەن ئىككى قولىنى كۆتۈردى، ئۇ نامازنى ياخشى ئوقۇدى. ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئۇنىڭدىن «بۇ كىمدىن كەلگەن ناماز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھامماد ئىبنى زىيادنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان ئىدىم، مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇدى، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىسام، (ھامماد مۇنداق دېدى) مەن ئەييۇب ساختىيانينىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ مۇشۇنداق ئوقۇغان ئىدى، دېدى. ئەييۇب ساختىيانىدىن «بۇ كىمنىڭ نامىزى» دەپ سورىسام، «ئاتا ئىبنى ئەبى راباھنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ مۇشۇنداق ئوقۇيتتى، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىسام، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير مۇشۇنداق ئوقۇيتتى» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردىن، «رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈپ ئوقۇلىدىغان بۇ ناماز كىمنىڭ نامىزى» دەپ سورىسام، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير «مەن (چوڭ دادام) ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئەبۇ بەكرى سىددىقنامازنى باشلىغاندا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى، رۇكۇ قىلىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تورغاندىن كېيىن يەنە قوللىرىنى كۆتۈرەتتى» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ بەكرى سىدىق ماڭا «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، رەسۇلۇللاھ نامازنى مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى، دېدى.» hedisim.com [البيهقي: «السنن الكبرى»: (٢/ ٧٣) بەيھەقى بۇ ھەدىسنى راۋىيلىرى ئىشەنچىلىك، دېگەن؛ ئىمام ئىبنى قەييىم «نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش» ناملىق ئەسىرىدە ئىشەنچىلىك دەپ دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن]

ساھابە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇ ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن

[7] ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل بۇخارى»دا (وإذا قام من الركعتين رفع يديه) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككىنچى رەكئەت (تەشەھھۇدى) دىن كېيىن (ئۈچۈنچى رەكئەت ئۈچۈن) تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. hedisim.com (سەھىھۇل بۇخارى 1\188)

ساھابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن

[8] ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە «مۇسەننەف» تە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: بىزگە مۇئاز ئىبنى مۇئاز ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ ھۇمەيدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى: (أَنَّهُ كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ إِذَا دَخَلَ فِي الصَّلَاةِ، وَإِذَا رَكَعَ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ) «ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماز باشلىغاندا، رۇكۇ قىلىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى.» hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2433)

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ساھابە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن

[9] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى رافىئ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ رَفَعَ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَإِذَا أَرَادَ أَنْ يَرْكَعَ وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ، وَكَانَ لَا يَفْعَلُ ذَلِكَ فِي شَيْءٍ مِنْ سُجُودِهِ، وَإِذَا قَامَ مِنَ السَّجْدَتَيْنِ مِثْلَ ذَلِكَ)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇ قىلماقچى بولسا ۋە رۇكۇدىن تۇرسىمۇ ئىككى قولىنى مۇشۇنداق كۆتۈرەتتى، ئەمما سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە بۇنداق قىلمايتتى. ئىككى سەجدىدىن (كېيىنكى رەكئەتكە) تۇرغاندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى.» hedisim.com (سۇنەن ئىبنى ماجە 864؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 2304، 2\37؛ بۇنىڭ ئوخشىشىنى بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ داۋۇد سۇنەندە (744) ۋە ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە نەقىل قىلغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)

ساھابە ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن

[10] ئاسىم ئىبنى كۇلەيبىب دادىسىدىن ھەدىس سۆزلەپ، ئۇنىڭ دادىسى ساھابە ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەپ ھەدىس سۆزلىگەنلىكىنى بايان قىلغان: (رَأَيْتُ رَسُولَ اللهِ ﷺ إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَإِذَا رَكَعَ، وَبَعْدَ مَا يَرْفَعُ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ) «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى مۈرىسىگىچە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. شۇنداقلا، رۇكۇ قىلغاندىمۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.» hedisim.com (سۇنەن نەسائىي 1263، 1159؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 2305)

مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب | ئىمام بۇخارى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ