أَخْبَرَنِي مُحَمَّدُ بْنُ عَمْرِو بْنِ عَطَاءٍ، قَالَ: سَمِعْتُ أَبَا حُمَيْدٍ السَّاعِدِيَّ، فِي عَشَرَةٍ مِنْ أَصْحَابِ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ مِنْهُمْ أَبُو قَتَادَةَ، قَالَ أَبُو حُمَيْدٍ: أَنَا أَعْلَمُكُمْ بِصَلَاةِ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ، قَالُوا: فَلِمَ؟ فَوَاللَّهِ مَا كُنْتَ بِأَكْثَرِنَا لَهُ تَبَعًا وَلَا أَقْدَمِنَا لَهُ صُحْبَةً، قَالَ: بَلَى، قَالُوا: فَاعْرِضْ، قَالَ: «كَانَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ إِذَا قَامَ إِلَى الصَّلَاةِ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ، ثُمَّ يُكَبِّرُ حَتَّى يَقِرَّ كُلُّ عَظْمٍ فِي مَوْضِعِهِ مُعْتَدِلًا، ثُمَّ يَقْرَأُ، ثُمَّ يُكَبِّرُ فَيَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ، ثُمَّ يَرْكَعُ وَيَضَعُ رَاحَتَيْهِ عَلَى رُكْبَتَيْهِ، ثُمَّ يَعْتَدِلُ فَلَا يَصُبُّ رَأْسَهُ وَلَا يُقْنِعُ، ثُمَّ يَرْفَعُ رَأْسَهُ، فَيَقُولُ: سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، ثُمَّ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ مُعْتَدِلًا، ثُمَّ يَقُولُ: اللَّهُ أَكْبَرُ ثُمَّ يَهْوِي إِلَى الْأَرْضِ فَيُجَافِي يَدَيْهِ عَنْ جَنْبَيْهِ، ثُمَّ يَرْفَعُ رَأْسَهُ وَيَثْنِي رِجْلَهُ الْيُسْرَى فَيَقْعُدُ عَلَيْهَا، وَيَفْتَحُ أَصَابِعَ رِجْلَيْهِ إِذَا سَجَدَ، وَيَسْجُدُ ثُمَّ يَقُولُ: اللَّهُ أَكْبَرُ، وَيَرْفَعُ رَأْسَهُ وَيَثْنِي رِجْلَهُ الْيُسْرَى فَيَقْعُدُ عَلَيْهَا حَتَّى يَرْجِعَ كُلُّ عَظْمٍ إِلَى مَوْضِعِهِ، ثُمَّ يَصْنَعُ فِي الْأُخْرَى مِثْلَ ذَلِكَ، ثُمَّ إِذَا قَامَ مِنَ الرَّكْعَتَيْنِ كَبَّرَ وَرَفَعَ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ كَمَا كَبَّرَ عِنْدَ افْتِتَاحِ الصَّلَاةِ، ثُمَّ يَصْنَعُ ذَلِكَ فِي بَقِيَّةِ صَلَاتِهِ حَتَّى إِذَا كَانَتِ السَّجْدَةُ الَّتِي فِيهَا التَّسْلِيمُ أَخَّرَ رِجْلَهُ الْيُسْرَى وَقَعَدَ مُتَوَرِّكًا عَلَى شِقِّهِ الْأَيْسَرِ» قَالُوا: صَدَقْتَ هَكَذَا كَانَ يُصَلِّي ﷺ،
ھەمىيد ئىبنى جەئفەر ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: بىزگە مۇھەممەد ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئەتا مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى: مەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئون ساھابىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ — ئۇ ئون ساھابىنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ قەتادەمۇ بار ئىدى — مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مەن ئاراڭلاردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىمەن» دېۋىدى، ساھابىلەر «قانداقسىگە؟ سەن رەسۇلۇللاھقا بىزدىن كۆپراق ئەگەشمىگەن، ياكى بىزدىن بۇرۇنراق مۇسۇلمان بولمىغان تۇرساڭ؟» دېۋىدى. ئەبۇ ھۇمەيد «شۇنداق» دېدى. ساھابىلەر «قېنى (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى) بايان قىلىپ باققىن» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىردە كۆتۈرۈپ، ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتاتتى، قوللىرىنى سۆكەڭلىرى ئۆز ئۈگىلىرىدە قارار تاپقانغا قەدەر راۋۇرۇس كۆتۈرەتتى، ئاندىن قىرائەت قىلاتتى. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئىككى قولىنى تاكى مۈرىسىگە قەدەر كۆتۈرەتتى. ئاندىن رۇكۇ قىلىپ ئىككى ئالقىنىنى ئىككى تىزىغا قوياتتى، رۇكۇدا مۇشۇ ھالەتتە بېشىنى كۆتۈرۈۋالماستىن ياكى ساڭگىلىتىۋاتماستىن رۇس تۇراتتى. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەپ، ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە راۋۇرۇس كۆتۈرەتتى. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ (سەجدە قىلىش ئۈچۈن) يەرگە ئېڭىشەتتى، (سەجدىدە) جەينەكلىرىنى ئىككى بىقىنىدىن نېرى تۇتاتتى. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ، سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. سەجدە قىلغاندا پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنى (تۈگىۋالماستىن يەرگە نىقتاپ) ئاچقان ھالەتتە تۇتاتتى. (مۇشۇ ھالەتتە) سەجدە قىلىپ ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، سول پۇتىنى قاتلاپ، سۆڭەكلىرى ئۈگىلىرىگە ئولتۇرۇشقانغا قەدەر ئولتۇراتتى. ئاندىن كېيىنكى رەكئەتنىمۇ مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى. ئىككىنچى رەكئەتنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرسا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ قوللىرىنى ناماز باشلىغان چاغدا كۆتۈرگەندىكىدەك ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. ئاندىن نامازنىڭ قالغان قىسىمىنىمۇ مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى. ئاخىرىدا، سالام بېرىپ نامازدىن چىقىشتىن ئىلگىرىكى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سول پۇتىنى (قاتلاپ ئوڭ پاچىقىنىڭ ئاستىغا) قويۇپ سول كاسىسىنى يەرگە قويۇپ ئولتۇراتتى.» (ساھابە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ بايانلىرىنى ئاڭلىغان) ساھابىلەر «توغرا ئېيتتىڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى مۇشۇنداق ئوقۇيتتى» دېيىشتى. hedisim.com (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 730؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 1\57؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 6\77؛ بەيھەقى: خلافيات 2\339؛ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
#رەفئۇل يەدەين #رەفىيەت #رەفيىەت #رەفىيەد
مۇناسىۋەتلىك تېما:
رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب | ئىمام بۇخارى