ھەدىس | ئىلىمسىز پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ، بىلىپ تۇرۇپ سۈننەتكە زىت پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ يامان ئاقىۋىتى

((وعن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إن الله لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم، فضلوا وأضلوا.»))


ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:  «ئاللاھ تائالا ئىلىمنى ئىنسانلارنىڭ دىلىدىن يوق قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، (شۇ ئىلىمنى دىلىدا توشۇپ يۈرىدىغان) ئالىملارنىڭ ۋاپاتى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ. (ھەقىقىي ئالىملار ئۆلۈپ تۈگەپ) ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر (ئالىم سىياق) جاھىللارنى باشچى قىلۋالىدۇ. ئۇلار ئۇ جاھىل باشلامچىلاردىن سوئال سورىسا، ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىمۇ ئازىدۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە)

((الْقُضَاةُ ثَلَاثَةٌ: اثْنَانِ فِي النَّارِ، وَوَاحِدٌ فِي الْجَنَّةِ: رَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَقَضَى بِهِ، فَهُوَ فِي الْجَنَّةِ، وَرَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَلَمْ يَقْضِ بِهِ، وَجَارَ فِي الْحُكْمِ، فَهُوَ فِي النَّارِ، وَرَجُلٌ لَمْ يَعْرِفِ الْحَقَّ، فَقَضَى لِلنَّاسِ عَلَى جَهْلٍ، فَهُوَ فِي النَّارِ))

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قازى (ھۆكۈم-پەتىۋا) بەرگۈچى ئۈچ تۈرلۈكتۇر. ئىككى تۈرلۈكى دوزاختا، بىرى جەننەتتىدۇر. ھەقنى بىلگەن ۋە ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم بەرگەن كىشى جەننەتتە بولىدۇ. ھەقنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم-پەتىۋا بەرمەستىن، ھەقكە زىت ھۆكۈم چىقارغۇچى دوزاختىدۇر. ھەقنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ، كىشىلەرگە جاھالەت بىلەن (يەنى ئۆز خىيالى، ئۆزىنىڭ شەخسىي رەيى بىلەن) ھۆكۈم (پەتىۋا) بېرىدىغان كىشى دوزاختىدۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، نەسائى توپلىغان؛ ئىمام ھاكىم ۋە باشقا ئالىملار سەھىھ دېگەن) — ھەدىس خەزىنىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ