ھەدىس | قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر كىشىنىڭ نامازلىرى تولۇق چىقسا (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) قۇتۇلۇپ، مۇرادىغا يېتىدۇ…

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ أَوَّل مَا يُحاسبُ بِهِ العبْدُ يَوْم القِيامةِ منْ عَملِهِ صلاتُهُ، فَإِنْ صَلُحت، فَقَدْ أَفَلحَ وَأَنجح، وَإنْ فَسدتْ، فَقَدْ خَابَ وخَسِر، فَإِنِ انْتقَص مِنْ فِريضتِهِ شَيْئًا، قَالَ الرَّبُّ، : انظُروا هَلْ لِعَبْدِي منْ تَطَوُّع، فَيُكَمَّلُ مِنْهَا مَا انْتَقَص مِنَ الفَرِيضَةِ؟ ثُمَّ يكونُ سَائِرُ أَعمالِهِ عَلى هَذَا)) «قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر كىشىنىڭ نامازلىرى تولۇق چىقسا (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) قۇتۇلۇپ، مۇرادىغا يېتىدۇ. ئەگەر نامىزى كەم چىقسا ھالاكەتكە دۇچ كېلىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ. (بەندىنىڭ نامازدىن ھېسابقا تارتىلىش شەكلى مۇنداقتۇر.) ئەگەر بەندىنىڭ ئوقۇغان پەرز نامازلىرىدىن قايسى بىرى كەم چىقسا، ئاللاھ تائالا (پەرىشتىلەرگە) <بەندەمنىڭ نەپلە نامازلىرى بارمۇ-يوق، قاراڭلار!> دەيدۇ. (نەتىجىدە) كەم قالغان پەرز نامازلىرى مانا مۇشۇ شەكىلدە نەپلە نامازلار ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. ئاندىن، باشقا ئەمەللىرىدىنمۇ مانا مۇشۇ شەكىلدە ھېساپ ئېلىنىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 733؛ تىرمىزى 378؛ نەسائىي 461؛ رىيازۇس سالىھىن 1081) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ