ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ ئەمرە رەھىمەھۇللاھ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (دَخَلَ عُثْمَانُ بْنُ عَفَّانَ الْمَسْجِدَ بَعْدَ صَلَاةِ الْمَغْرِبِ. فَقَعَدَ وَحْدَهُ. فَقَعَدْتُ إِلَيْهِ. فَقَالَ: يَا ابْنَ أَخِي! سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ يَقُولُ: «مَنْ صَلَّى الْعِشَاءَ فِي جَمَاعَةٍ فَكَأَنَّمَا قَامَ نِصْفَ اللَّيْلِ. وَمَنْ صَلَّى الصُّبْحَ فِي جَمَاعَةٍ فَكَأَنَّمَا صَلَّى اللَّيْلَ كله») ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شام نامىزىدىن كېيىن مەسجىدكە كىرىپ يالغۇز ئولتۇرۇۋىدى، مەنمۇ ئۇ زاتنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن: «خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغان ئەر كىشى — كېچىنىڭ يېرىمىنى ناماز ئوقۇپ ئۆتكۈزگەن كىشىگە ئوخشاش (ساۋابقا نائىل) بولىدۇ. بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغان ئەر كىشى پۈتۈن كېچىنى ناماز ئوقۇپ ئۆتكۈزگەن كىشىگە ئوخشاش (ساۋابقا نائىل) بولىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 656؛ ئەھمەد 410؛ ئەبۇ داۋۇد 555؛ تىرمىزى 221؛ دارىمىي 122) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com | فۇرقان دەۋەت مەركىزى | hedisim.com