سەھىھ ھەدىس | قۇبا مەسجىدىدە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رەھىمەھۇللاھ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر شەنبە كۈنى پىيادە مېڭىپ ياكى ئۇلاغقا مىنىپ قۇبا مەسجىدىگە باراتتى.» بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى. hedisim.com (سەھىھۇل بۇخارى 1193؛ سەھىھۇل مۇسلىم 1399)

ئىمام بۇخارى نافىئتىن قىلغان يەنە بىر ھەدىستە، نافئ «ئاندىن قۇبا مەسجىدىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى» دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى 1194)

ئەبۇ ئۇمامە سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن دادام (سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ خَرَجَ حَتَّى يَأْتِيَ هَذَا الْمَسْجِدَ مَسْجِدَ قُبَاءٍ فَصَلَّى فِيهِ كَانَ لَهُ عِدْلَ عُمْرَةٍ)) «كىمكى (ئۆيىدىن قۇبا مەسجىدىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن) چىقىپ، بۇ مەسجىدكە — يەنى قۇبا مەسجىدىكىگە — كېلىپ ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ بۇ نامىزى ئۆمرە قىلغانغا تەڭداش بولىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم توپلىغان؛ ھاكىم ۋە ئەلبانىي سەھىھ دېگەن)

سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من تطهّر في بيته، ثم أتى مسجد قباء فصلى فيه صلاة كان له كأجر عمرة)) «كىمكى تاھارەتنى ئۆيىدە ئېلىپ، ئاندىن قۇبا مەسجىدىگە كېلىپ ناماز ئوقۇسا ئۆمرە قىلغانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ.» hedisim.com (سۇنەن نەسائىي 1412؛ ئەلبانى: سەھىھ سۇنەن نەسائىي 1\150؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1\237؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6154)

* ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر شەنبە كۈنى پىيادە ياكى ئۇلاغلىق ھالدا قۇبا مەسجىدىنى زىيارەت قىلىشقا كېلەتتى. قۇبا مەسجىدىدە ناماز ئوقۇشنى مەقسەد قىلىپ، ئۆيىدە تاھارەت ئېلىپ ئاندىن قۇبا مەسجىدىگە كەلگەن كىشى مۇشۇ ھەدىستە دېيىلگەندەك ساۋبقا نائىل بولىدۇ. قۇبا مەسجىدىدە ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى مەقسەت قىلماستىن ئۆيىدىن چىقىپ، ئاندىن قۇبا مەسجىدتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇغان، ياكى ئۆيى قۇبا مەسجىدىنىڭ ئەتراپىدا بولغانلىقى ئۈچۈن (ئۆيىدىن قۇبانى مەقسەت قىلىپ چىقماستىن) مەسجىدكە كىرىپ پەرز ناماز ئوقۇغان كىشىلەرگە بۈيۈك ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى ئۈمىد قىلىنىدۇ، لېكىن، بۇنداق كىشىلەر يۇقىرىقى ھەدىستىكى ساۋابقا نائىل بولالمايدۇ. ھەدىستىكى ساۋابقا نائىل بولۇشنىڭ شەرتى ئۆيىدىن قۇبا مەسجىدىگە بېرىپ ناماز ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشتۇر. قۇبا مەسجىدىگە بېرىپ جۈمە نامىزى ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيىدىن چىققان كىشى، ياكى جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈنىدە نامازنى مەقسەت قىلىپ ئۆيىدىن چىققان كىشىمۇ بۇ ھەدىستە ئېيتىلغان ئەجرگە ئېرىشىدۇ. (شرط الحصول على أجر العمرة للمصلي في قباء) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ