قۇرئاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (خير الدواء القرآن) «شىپالىقنىڭ ئەڭ نوچىسى قۇرئاندۇر.» (ئىبنى ماجە 3533-سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ئوقۇڭلار. ھەقىقەتەن قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆز ھەمراھى (يەنى ئۇنى ئوقۇغۇچى ۋە ئەمەل قىلغۇچى) ئۈچۈن شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 804؛ ئەھمەد 5-249)
ئەبى ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قۇرئان ئوقۇڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ قىيامەت كۈنى ئۆزىنى تىلاۋەت قىلغان كىشىلەرگە شاپائەت قىلغان ھالەتتە كېلىدۇ. بەقەرە سۈرىسى بىلەن ئال- ئىمران سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، بۇ ئىككى سۈرە قىيامەت كۈنى ئىككى بۇلۇت ياكى ئىككى قانىتىنى كەرىگەن قۇشتەك كېلىدۇ ۋە ئۇ ئۆزىنى ئوقۇغان كىشىلەرنى شاپائەت قىلىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇش بەرىكەت، ئوقۇماي تەرك قىلىش ھەسىرەتتۇر. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) سېھىر تەسىر قىلمايدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 804)
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا نەسىھەت قىلغايلا» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: ((عليك بتقوى الله؛ فإنه رأس الأمرِ كلِّه)) «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش يولىنى تۇتقىن. چۈنكى، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش جىمىي ئەمەللەرنىڭ بېشىدۇر.» مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! يەنە نەسىھەت قىلغايلا» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: ((عليك بتلاوة القرآن، فإنه نور لك في الأرض، وذخرٌ لك في السماء)) «قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگىن. چۈنكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش سەن ئۈچۈن زېمىندا نۇردۇر، ئاسماندىكى خەزىنەڭدۇر.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ رواه ابن حبان في «صحيحه»٢\١٦٤؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغان ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ياشىغان قارىغا: قۇرئاننى خۇددى دۇنيادا چىرايلىق ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ ۋە ئۆرلە. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دەرىجەڭ، سەن تىلاۋەتتىن توختىغان ئايەتكە قەدەر بولىدۇ، دېيىلىدۇ.» [شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 5-توم 281-بەت، 2240-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن]. | hedisim.com
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن پۇراقلىق لىمۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىقتۇر.قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، لېكىن تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، لېكىن تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق ياۋا خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمى يوقتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 5020-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 797-ھەدىس. بۇ ھەدىس يەنە مۇسنەد ئەھمەدتە ۋە تۆت كىتابتىمۇ نەقىل قىلىنغان] mujtehid.com | hedisim.com
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدى نرىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ الَّذِي لَيْسَ فِي جَوْفِهِ شَيْءٌ مِنَ القُرْآنِ كَالبَيْتِ الخَرِبِ)) «قەلبىدە قۇرئان كەرىمدىن ھېچنەرسە بولمىغان كىشى خۇددى خارابى ئۆيگە ئوخشايدۇ.» hedisim.com (تىرمىزىي رىۋايىتى2913، ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن ئاز مۇددەتتە تامام قىلغان كىشى ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 2873؛ ئەبۇ داۋۇد 1182؛ ئىمام ئەھمەد 6546)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((تركت فيكم شيئين لن تضلوا بعدهما: كتاب الله وسنتي، ولن يتفرقا حتى يردا على الحوض)) «ئاراڭلارغا ئىككى نەرسىنى قويۇپ قويدۇم، ئۇ ئىككىسىگە مەھكەم ئېسىلساڭلار ھەرگىز ئازمايسىلەر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر. قۇرئان بىلەن سۈننىتىم ھەۋزى كۆلۈمدە ماڭا ئۇچراشقانغا قەدەر بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2937؛ ئىبنى ھەزىم: ئۇسۇلىل ئەھكام 2\251، سەھىھ)
ئەبۇ مالىك ئەلھارىس ئىبنى ئاسىم ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
((الطُّهُورُ شَطْرُ الإِيْمَانِ، والحَمْدُ للهِ تَمْلأُ الميزانَ، وسُبْحَانَ اللهِ والحَمْدُ للهِ تَمْلآنِ – أَو تَمْلأُ – مَا بَيْنَ السَّمَاءِ والأَرْضِ، وَالصَّلاةُ نُورٌ، والصَّدَقَةُ بُرْهَانٌ، وَالصَّبْرُ ضِيَاءٌ، وَالقُرْآنُ حُجَّةٌ لَكَ أَو عَلَيْكَ، كُلُّ النَّاسِ يَغْدُو فَبَائِعٌ نَفْسَهُ فَمُعْتِقُهَا أَو مُوبِقُهَا))
«تاھارەت ئىماننىڭ يېرىمىدۇر؛ ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ؛ سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇلىللاھى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئارىسىنى تولدۇرىدۇ. ناماز نۇدردۇر؛ سەدىقە ھۆججەتتۇر. سەبر يورۇقلۇقتۇر. قۇرئان يا سېنىڭ پايداڭغا، ياكى سېنىڭ زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر. ھەممە ئىنسان تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۇلاردىن بەزىسى ئۆز جېنىنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئازاد قىلىدۇ، بەزىسى ئۇنى ھالاك قىلىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 223)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوھۇد شېھىتلىرىدىن ھەر ئىككى كىشىنى بىر كېپەنلىكتە كېپىنەلىگەن ئىدى. ئاندىن «بۇلاردىن قايسى قۇرئاندىن كۆپراق يادقا ئالغان؟» دەپ سوراپ، قۇرئاندىن كۆپراق ياد ئالغىنىنى باشتا يەرلىككە قويغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى يۇمىدى، ئۇلارنىڭ جىنازە نامىزىمۇ ئوقۇلمىدى. hedisim.com (بۇخارى 1278؛ بۇلۇغۇلمەرام 534)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يَؤُمُّ الْقَوْمَ أَقْرَؤُهُمْ لِلْقُرْآنِ)) «جامائەتكە قۇرئاننى ھەممىدىن ياخشى ئوقۇيدىغان* كىشى ئىمام بولىدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 9991؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 8012؛ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن) * ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ تەبىرى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اقرءوا القرآن فإنه يأتي يوم القيامة شفيعًا لأصحابه)) «قۇرئاننى ئوقۇڭلار. چۈنكى، قۇرئان ئۆزىنى ئوقۇپ (ئۇنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلغان) كىشىنى قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ.» hedisim.com (سەھىھ مۇسلىم 804؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1165)
* شاپائەت قىلىنىش شەرتى، قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ، قۇرئاننىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش ۋە قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان بولۇشتۇر. پەقەت ئوقۇپلا قويۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان ، ياكى ئاز تولا ئەمەل قىلىپ كۆپىنچە ئەمەل قىلمايدىغان، ياكى خوش ياققاندا ئەمەل قىلىپ، خوش ياقمىسا ئەمەل قىلمىغايدىغان كىشى ھەققىدە «قۇرئانى سىنىڭ يا پايداڭغا ياكى زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر» دېگەن سەھىھ ھەدىس كەلگەندۇر. يەنى، قۇرئان ئوقۇپ ئەمەل قىلغۇچىنى قۇرئان شاپائەت قىلىدۇ. ئەمەل قىلمىغۇچىنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
- «قۇرئان» — ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر، ئەرەپچە نازىل قىلغاندۇر. ئۇنىڭ تەرجىمىسى قۇرئان دېيىلمەيدۇ، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى دېيىلىدۇ. شۇڭا، تەرجىمىسىنى ئوقۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىش بۇ ھەدىس ۋەدە قىلغان شاپائەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە يېتەرلىك بولمايدۇ. بىر دۆلەتتە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقۇچى جېنىدا ئۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ بۇنىڭغا كۈچەيدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم دەپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئوقۇش ئۈچۈن قۇرئان ھەرپلىرىنى ۋە قۇرئاننى توغرا ئوقۇشنى ئۆگەنمەسلىك ئىماندىكى ناقىسلىقنىڭ، دىندىكى سۇسلۇقنىڭ ۋە بوشاڭلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەبۇ مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((الْقُرْآنُ حُجَّةٌ لَكَ أَوْ عَلَيْكَ)) «قۇرئان كەرىم سېنىڭ يا پايداڭ ئۈچۈن ياكى زېيىنىڭ ئۈچۈن ھۆججەتتۇر.» (مۇسلىم 223)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْقُرْآنُ شَافِعٌ مُشَفَّعٌ، وَمَاحِلٌ مُصَدَّقٌ، فَمَنْ جَعَلَهُ أمَامَهُ قَادَهُ إِلَى الْجَنَّةِ، وَمَنْ جَعَلَهُ خَلْفَ ظَهْرِهِ قَادَهُ إِلَى النَّارِ)) «قۇرئان (ئۆزىنى ھەر دائىم تىلاۋەت قىلىپ، دائىم قۇرئانغا مۇستەھكەم ئەمەل قىلغۇچىنى قىيامەت كۈنى) شاپائەت قىلغۇچىدۇر ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچىدۇر. (ئۆزىنى تىلاۋەت قىلسىمۇ ھۆكمىگە ئەمەل قىلمىغۇچىنى، ياكى قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتىن باش تارتقۇچىنى) شىكايەت قىلغۇچىدۇر ۋە شىكايىتى قوبۇل قىلىنغۇچىدۇر. كىمكى، قۇرئاننى ئۆزىگە يېتەكچى قىلسا قۇرئان ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدۇ؛ كىمكى (قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىماسلىق ياكى ئازغىنە ئەمەل قىلىپ قويۇش ئارقىلىق) قۇرئاننى ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلىسا، قۇرئان ئۇنى جەھەننەمگە كىرگۈزىدۇ.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ المعجم الكبير (١٠٤٥٠)، (٨٦٥٥ (واللفظ له، تعليق الألباني «صحيح»، صحيح الجامع (٤٤٤٣)، ابن حبان (١٢٤)، – عن جابر – تعليق شعيب الأرنؤوط «إسناده جيد»)
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْجَاهِرُ بِالْقُرْآنِ كَالْجَاهِرِ بِالصَّدَقَةِ، وَالْمُسِرُّ بِالْقُرْآنِ كَالْمُسِرِّ بِالصَّدَقَةِ)) (كۆپچىلىك بار جايدا قۇرئان تىلاۋەت قىلغانلار ئىچىدىن) «قۇرئاننى ئاشكارا تىلاۋەت قىلغۇچى ئاشكارا سەدىقە بەرگۈچىگە ئوخشاشتۇر، مەخپىي تىلاۋەت قىلغۇچى مەخپىي سەدىقە بەرگۈچىگە ئوخشاشتۇر.» hedisim.com (سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 1333، تىرمىزى 2919، نەسائى، ئەھمەد )
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىخلاس سۈرىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭدۇر.» (بۇخارى 6643؛ مۇسلىم 2315)
داۋامى تولۇقلىنىدۇ…
ھەدىس خەزىنىسى تورى تارقاتتى