ئۆمرە توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

ئۆمرە توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى (hedisim.com | mujtehid.com)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((العُمْرَة إِلَى العُمْرِة كَفَّارةٌ لِمَا بيْنهُما، والحجُّ المَبرُورُ لَيس لهُ جزَاءٌ إلاَّ الجَنَّةَ)) «ئۆمرە كېلەر ئۆمرىگىچە قىلىنغان گۇناھلارغا كاففارەتتۇر. قوبۇل بولۇنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا جەننەتتۇر.» hedisim.com (بۇخارى 1683؛ مۇسلىم 1349)

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر بەدەۋى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا ئۆمرە توغرۇلۇق تەلىم بەرگىن، ئۆمرە قىلىش ۋاجىپمۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «ياق، ئەمما ئۆمرە قىلىشىڭ سەن ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېدى. hedisim.com (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان؛ توغرا قاراش بۇ ھەدىسنىڭ مەۋقۇف ئىكەنلىكىدۇر. ئىبنى ئەدىي بۇ ھەدىسنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا بىر زەئىپ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان؛ تىرمىزى 931، تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ مۇسنەد ئەھمەد 14397؛ ئىبنى ئەدىي-ئەلكامىل، 7\43)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى مەرفۇ ھالەتتە رىۋايەت قىلىنغان: «ھەج بىلەن ئۆمرە ئىككى پەرزدۇر.» hedisim.com (بەيھەقى، سۇنەن كۇبرا 4\350؛ ئىبنى ئەدىي-ئەلكامىل 4\150؛ بۇلۇغۇلمەرام 694)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الغازي في سبيل الله عز وجل، والحاج والمعتمر وفد الله: دعاهم فأجابوه، وسألوه فأعطاهم))«ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچى مۆمىن كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدۇر. بۇلار ئاللاھ چاقىرغاندا ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان، ئاللاھتىن تىلىگۈچى ۋە تىلىكىگە يەتكۈچى كىشىلەردۇر.» hedisim.com (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن، سەھىھ ئىبنى ھىببان 4613؛ ئەلبانى – سەھىھ جامىئۇس سەغىر 4171؛ سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 5787)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((عُمرةٌ في رمضانَ تعدِلُ حجَّةً معي)) «رامزاندا قىلىنغان ئۆمرە مەن بىلەن قىلىنغان ھەجگە تەڭداشتۇر.» hedisim.com (بۇخارى، مۇسلىم، رىيازۇس سالىھىن 1278)

ئۇسەيد ئىبنى خۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: صَلاةٌ فِي مَسْجِدِ قُباءَ كَعُمْرَةٍ «قۇبا مەسجىدىدە ئوقۇلغان بىر قېتىملىق ناماز (ساۋاب جەھەتتە) ئۆمرە ھەجگە تەڭدۇر.» hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 33191؛ مۇسنەد ئەبي يەئلا 13\117؛ سۇنەن ئىبنى ماجە 1\453؛ تەبراني: ئەلكەبير 1\210؛ بەيھەقى: سۇنەن سەغير 2\212؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 5\408؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\662؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 6\67؛ بەغەۋىي: شەرھۇس سۇننە 2\344؛ سۇنەن تىرمىزىي 2\145؛ مۇسنەد ئەھمەد 25\359؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 4\507)

ئەبۇ ئۇمامە سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن دادام (سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ خَرَجَ حَتَّى يَأْتِيَ هَذَا الْمَسْجِدَ مَسْجِدَ قُبَاءٍ فَصَلَّى فِيهِ كَانَ لَهُ عِدْلَ عُمْرَةٍ)) «كىمكى (ئۆيىدىن قۇبا مەسجىدىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن) چىقىپ، بۇ مەسجىدكە — يەنى قۇبا مەسجىدىكىگە — كېلىپ ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ بۇ نامىزى ئۆمرە قىلغانغا تەڭداش بولىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم توپلىغان؛ ھاكىم ۋە ئەلبانىي سەھىھ دېگەن)

سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من تطهّر في بيته، ثم أتى مسجد قباء فصلى فيه صلاة كان له كأجر عمرة)) «كىمكى تاھارەتنى ئۆيىدە ئېلىپ، ئاندىن قۇبا مەسجىدىگە كېلىپ ناماز ئوقۇسا ئۆمرە قىلغانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ.» hedisim.com (سۇنەن نەسائىي 1412؛ ئەلبانى: سەھىھ سۇنەن نەسائىي 1\150؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1\237؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6154) * ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر شەنبە كۈنى پىيادە ياكى ئۇلاغلىق ھالدا قۇبا مەسجىدىنى زىيارەت قىلىشقا كېلەتتى. قۇبا مەسجىدىدە ناماز ئوقۇشنى مەقسەد قىلىپ، ئۆيىدە تاھارەت ئېلىپ ئاندىن قۇبا مەسجىدىگە كەلگەن كىشى مۇشۇ ھەدىستە دېيىلگەندەك ساۋبقا نائىل بولىدۇ. قۇبا مەسجىدىدە ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى مەقسەت قىلماستىن ئۆيىدىن چىقىپ، ئاندىن قۇبا مەسجىدتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇغان، ياكى ئۆيى قۇبا مەسجىدىنىڭ ئەتراپىدا بولغانلىقى ئۈچۈن (ئۆيىدىن قۇبانى مەقسەت قىلىپ چىقماستىن) مەسجىدكە كىرىپ پەرز ناماز ئوقۇغان كىشىلەرگە بۈيۈك ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى ئۈمىد قىلىنىدۇ، لېكىن، بۇنداق كىشىلەر يۇقىرىقى ھەدىستىكى ساۋابقا نائىل بولالمايدۇ. ھەدىستىكى ساۋابقا نائىل بولۇشنىڭ شەرتى ئۆيىدىن قۇبا مەسجىدىگە بېرىپ ناماز ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشتۇر. قۇبا مەسجىدىگە بېرىپ جۈمە نامىزى ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيىدىن چىققان كىشى، ياكى جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈنىدە نامازنى مەقسەت قىلىپ ئۆيىدىن چىققان كىشىمۇ بۇ ھەدىستە ئېيتىلغان ئەجرگە ئېرىشىدۇ. (شرط الحصول على أجر العمرة للمصلي في قباء)

داۋامى تولۇقلىنىدۇ…

— ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ