ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ لله تسعة وتسعين اسما. مائة إلا واحد. من أحصاها دخل الجنة)) «ئاللاھ تائالانىڭ توقسان توققۇز ئىسمى بار بولۇپ، بىر كەم يۈزدۇر. كىمكى بۇ توقسان توققۇز ئىسمىنى (تونىغان، مەنىلىرىنى بىلگەن ھالدا) سانىسا (99 ئىسىمنى تونۇپ، مەنىلىرىنى بىلىپلا قويماي ئاللاھنىڭ ئاشۇ ئىسىملىرىنىڭ ئىسىملارنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىپ ياشىسا*) جەننەتكە كىرىدۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 22677) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى * تىرناق ئىچىدىكىسى ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شەرھى