ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: كىم بامدات نامىزىدىن كېيىن تىزلىرى پۈكۈگلۈك ھالدا (ئولتۇرۇپ) گەپ سۆز قىلماستىن مۇنۇ زىكىرنى ئون قېتىم ئوقۇسا، ئۇنىڭغا ئون ساۋاپ يېزىلىدۇ، ئون گۇناھى يۇيۇلىدۇ، (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى دەرىجىسى) ئون دەرىجە يۈكسەلتىلىدۇ. شۇ كۈنى بارچە يامانلىقتىن ۋە شەيتاندىن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇ كۈنى ئۇ ئاللاھقا شىرك قوشمىغانلىكى تەقدىردە، بارچە گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ. ((لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لا شَريكَ لَهُ، لَهُ المُلْكُ وَلَهُ الحَمْدُ يُحْيِي ويُمِيتُ وَهُوَ على كُلّ شئ قَدِيرٌ)) (بۇ زىكىرنىڭ مەنىسى:) «ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر. (ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى) ھۆكۈمرانلىق ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، جاننى ئاللاھ ئالىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر.» hedisim.com (تىرمىزى 3474؛ ئىبنى ھىببان 2341؛ ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى «ئەلئەزكار» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن؛ تىرمىزىنىڭ بەزى نۇسخىلىرىدا «سەھىھ» دېيىلگەن. | شۇئەيب ئارنائۇت رەھىمەھۇللاھ «ئەلئەزكار» تەھقىقىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنىڭ «تىزى پۈكۈگلۈك ھالدا» جۈملىسىدىن باشقا قىسىمى ھەسەن؛ ھافىزمۇ ئەزكار تەخرىجىدە ھەسەن دېگەن.) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: ((مَنْ قالَ فِي دُبُرِ صَلاةِ الصُّبْحِ وَهُوَ ثانٍ رِجْلَيهِ قَبْلَ أنْ يَتَكَلَّمَ: لا إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لا شَريكَ لَهُ، لَهُ المُلْكُ وَلَهُ الحَمْدُ يُحْيِي ويُمِيتُ وَهُوَ على كُلّ شئ قَدِيرٌ عَشْرَ مرَّاتٍ كُتِبَ لَهُ عَشْرُ حَسَناتٍ، ومُحِيَ عَنْهُ عَشْرُ سَيِّئاتٍ، وَرُفِعَ لَهُ عَشْرُ دَرَجاتٍ، وكانَ يَوْمَهُ ذلكَ فِي حِرْزٍ مِنْ كُلّ مَكْرُوهٍ وَحُرِسَ مِنَ الشَّيْطانِ ولَمْ يَنْبَغِ لِذَنْبٍ أنْ يُدْرِكَهُ في ذلكَ اليَوْمِ إِلاَّ الشِّرْكَ باللَّهِ تَعالى))