بۇ زىكىرنى ئەتىگەن ئاخشام ئۈچ قېتىم ئوقۇسىڭىز سىزگە ھېچنەرسە زىيال سالالمايدۇ

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەتىگەندە ۋە كەچتە مۇنۇ كەلىمىلەرنى ئۈچ قېتىم ئوقۇغان كىشىگە ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ: ((بِسْمِ اللَّهِ الَّذي لاَ يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شئ فِي الأرْضِ وَلا في السَّماءِ وَهُوَ السَّمِيعُ العَلِيم، ثَلاثَ مَرَّاتٍ لَمْ يَضُرَّه شئ)) (مەنىسى: ئىسمى زىكىر قىلىنسا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن. ئاللاھ ھەممە ئاڭلاپ تۇرغۇچى، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.) hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 5088؛ تىرمىزى 3388؛ تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دېگەن) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «توساتتىن كېلىدىغان ھېچبىر مۇسىبەت بۇنى ئوقۇغان كىشىنىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ.» (نەۋەۋى: ئەلئەزكار 203)

شەيخ ئابدۇررازاق ئەلبەدرى ھەفىزەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەر قانداق مۇسۇلمان ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئوقۇشنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك بولغان ئۇلۇغ زىكىرلەر جۈملىسىدىندۇر. بۇنى ئوقۇش ئارقىلىق كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تۇيۇقسىز كېلىدىغان بالا-مۇسىبەتنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ رەسۇلۇللاھتىن (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) كەلگەن سەھىھ خەۋەردۇر، راست سۆزدۇر. بىز بۇنىڭ ھەقلىقىنى تەجرىبە ئارقىلىقمۇ تونۇپ يەتكەنمىز. مەن مۇشۇ ھەدىسنى ئاڭلىغىنىمدىن بېرى مەزكۇر زىكىرنى ئوقۇشنى داۋام قىلدىم ۋە ھېچقانداق نەرسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ باقمىدىم، تاكى بۇ زىكىرنى ئوقۇشنى تەرك ئېتىشىم مۇستەسنا. بىر كېچىسى مېنى مەدىنىدە چايان چېقىۋالدى. شۇ چاغدا مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇغانمىتىم يوق، دەپ ئويلىنىپ بېقىۋىدىم، ئاشۇ كېچىسى مەن مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقانلىقمنى بىلدىم. [كتاب فقه الأدعية والأذكار 3\12؛الفتوحات الربانية  لابن علان (3/100)]

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ