ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من قال حين يصبح وحين يمسي: سبحان الله وبحمده مائة مرة، لم يأتِ أحد يوم القيامة بأفضل مما جاء به، إلا أحد قال مثل ما قال أو زاد)) كىمكى ئەتىگەندە ۋە كەچتە يۈز قېتىم <سبحان الله وبحمده> (سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى) دېسە، قىيامەت كۈنى (مەھشەرگاھ مەيدانىغا) ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل بىر ئەمەل بىلەن كەلگۈچى باشقا بىرى بولمايدۇ. پەقەت بۇ كىشىگە ئوخشاش دېگەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپنى دېگەن كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. hedisim.com (مۇسلىم 2692؛ رىيازۇس سالىھىن 1451) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى