ئوچۇق قالغان چىنە قاچىلارغا ۋابا چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىس

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((غَطُّوا الْإِنَاءَ وَأَوْكُوا السِّقَاءَ فَإِنَّ فِي السَّنَةِ لَيْلَةً يَنْزِلُ فِيهَا وَبَاءٌ لَا يَمُرُّ بِإِنَاءٍ لَيْسَ عَلَيْهِ غِطَاءٌ أَوْ سِقَاءٍ لَيْسَ عَلَيْهِ وِكَاءٌ إِلَّا نَزَلَ فِيهِ مِنْ ذَلِكَ الْوَبَاءِ)) «چىنە-قاچىلارنىڭ ئۈستىنى يېپىڭلار، سۇ تۇلۇمىنىڭ ئاغزىنى چىگىڭلار. چۈنكى، بىر يىلنىڭ ئىچىدە شۇنداق بىر كېچە باركى، ئۇ كېچىدە (زېمىنغا) ۋابا چۈشىدۇ. ئۈستى يېپىلمىغان چىنە-قاچىلارغا ياكى ئاغزى چىگىلمىگەن تۇلۇملارغا بۇ ۋابا ئۇچقۇشۇپلا قالسا، ئاشۇ چىنە-قاچا، تۇلۇملارغا چوقۇم ئورۇنلىشىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 2014؛ ئەھمەد 14868؛ سەھىھ ھەدىس) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ