يەھيا ئىبنى ھۇسەيىن چوڭ ئانىسى ئۇممۇ ھۇسەيندىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن چوڭ ئانامدىن مۇنداق ھەدىس ئاڭلىدىم: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ۋىدا ھەججىگە قاتناشقان ئىدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (بۇ ھەجدە) كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ((إِنْ أُمِّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ مُجَدَّعٌ أَسْوَدُ، يَقُودُكُمْ بِكِتَابِ اللَّهِ تَعَالَى، فَاسْمَعُوا له وأطيعوا)) «سىلەرگە بۇرۇن ۋە قۇلاقلىرى كېسىۋېتىلگەن قارا قۇلدىن بىرى ئەمىر قىلىنىپ، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ھۆكۈملىرىگە بىنائەن سىلەرنى باشقۇرغان تەقدىردە، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەمىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار.» hedisim.com (مۇسلىم 1298؛ مۇنزىرى: مۇختەسەر سەھىھ مۇسلىم 1229، ئەھمەد، تىرمىزى) * ئىبنۇل مەلىك بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: ھەدىستىكى «ئاڭلاش» سۆزىنى ئاڭلاشنى، «ئىتائەت قىلىش» ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. (شرح المصابيح لابن الملك ٤/٢٤٠) موللا ئەلىي قارى بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستە مۇسۇلمان ھۆكۈمدار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش؛ پىتنە ۋە ئىختىلاپقا سەۋەب بولىدىغان گەپ سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەردىن ھەزەر ئەيلەش تەۋسىيە قىلىنغان. (موللا ئەلىي قارى: مرقاة المفاتيح شرح مشكاة المصابيح ٦/٢٣٩٢) * ئەبۇل ئابباس قۇرتۇبىي بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئەمىرگە — ئۇنىڭ نەسەبى ۋە مەنسىپى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر — ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىتائىتىدىن چىقماسلىق ۋاجىپ. پەقەت خەلىپىلىك مەسلىسىدىلا نەسەبكە (يەنى قۇرەيش قەبىلىسىدىن چىققان بولۇش شەرتىگە) قارىلىدۇ. (المفهم لما أشكل من تلخيص كتاب مسلم ٣/٤٠١) ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: قارا قۇل بولۇشى، بۇرۇن-قۇلاقلىرىنىڭ (جاھىلىيەت ئادىتى تۈپەيلىدىن) كېسىۋېتىلگەن بولۇشى ئىنساندىكى ئىنتايىن ئېغىر نۇقسانلار جۈملىسىدىن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مانا مۇشۇنداق بىرىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ھۆكمى بويىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلا تەقدىردە، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەمىر قىلغان. (شرح النووي على مسلم ٩/٤٦) قازى ئىياز بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: ھۆكۈمدار ئىسلامغا ئەمەل قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ جىسمى، نەسەبى ۋە ئەخلاقى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش لازىم. (إكمال المعلم بفوائد مسلم ٤/٣٧٥) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى