ھەدىس | قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ۋە ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى خىل كىشىدىن باشقىسىغا ھەسەت قىلىشقا بولمايدۇ. (ئۇلاردىن بىرى) ئاللاھ ئاتا قىلغان قۇرئاننى (ئۇقۇغانلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا) كېچىلىرى ۋە كۈندۈزلىرى تىلاۋەت قىلىدىغان كىشىدۇر. (يەنە بىرى) ئاللاھ ئاتا قىلغان مال-دۇنياسىنى كېچىلىرى ۋە كۈندۈزلىرى ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلغان كىشىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ لۇئلۇ ۋەلمەرجان 466) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ