ھىلال ئاينى كۆرۈپ رامزان روزىسىنى باشلاش، ھىلال ئاينى كۆرۈپ رامزان روزىسىنى توختىتىش توغرىسىدىكى ھەدىس

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صُومُوا لِرُؤْيَتِهِ وَأَفْطِرُوا لِرُؤْيَتِهِ، فَإِنْ غُبِّيَ عَلَيْكُمْ فَأَكْمِلُوا عِدَّةَ شَعْبَانَ ثَلَاثِينَ)) «(رامزاننىڭ ھىلال) ئېيىنى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، (شەۋۋالنىڭ ھىلال) ئېيىنى كۆرۈپ روزا تۇتۇشتىن توختاڭلار. ئەگەر سىلەرگە (شەئباننىڭ 29-ئاخشىمى) ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا، شەئبان ئېيىنى ئوتتۇز قىلىپ تاماملاڭلار.» hedisim.com (بۇخارى 1810؛ مۇسلىمدا (1081) «شەئبان» كەلىمىسى يوق ھالدا ئوخشاش مەزمۇندا نەقىل قىلىنغان) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: رامزاننىڭ ھىلال ئېيىنى كۆرۈپ رامزان روزىسىنى باشلاش ۋاجىپ، شۇنداقلا شەۋۋالنىڭ ھىلال ئېيىنى كۆرۈپ رامزان روزىسىنى توختىتىش ۋاجىپ، بۇ جەھەتلەردە ئاسترونومىك ھېساب بويىچە دۇرۇس ئەمەس. (الإفهام في شرح عمدة الأحكام ١/٣٨٩)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ يېڭى ئاينى كۆرۈشتە ئاسترونوملارنىڭ يېڭى ئاينىڭ باشلىنىشىنى ئالدىن بەلگىلىۋېلىشىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقىدا ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىتتىپاققا كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. (مجموع الفتاوى 25\132) ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي (سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى) فەتھۇلبارىدا، ئەبۇلۋەلىيد باجى رەھىمەھۇللاھتىن يېڭى ئاينى بېكىتىشتە ئاسترونومىيلىك ھېسابقا ئاساسلىنىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىگە سەلەپ-سالىھىننىڭ ئىجمائى بارلىقىنى نەقىل قىلغان. (الفتح الباري 4\127)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ