يەھيا ئىبنى يەھيا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: مەن مالىكتىن مۇنداق سورىدىم: سىلى ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردىن، ئۇ ئەمر ئىبنى سۇلەيم زۇرەيقىيدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىزى زەينەپنىڭ ئاس ئىبنى رەبىيئتىن بولغان قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا ئۆرە تۇرغان ھالەتتە (قىز نەۋرىسى) ئۇمامەنى كۆتۈرۈۋالاتتى، سەجدە قىلسا ئۇنى يەرگە قوياتتى؟ (شۇنداقمۇ؟) يەھيا مۇنداق دەيدۇ: مالىك (بۇ سوئالىمغا جاۋابەن) «ھەئە» دېدى. (مۇسلىم 543) ئىمام مۇسلىم بۇ ھەدىسنى «نامازدا كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى» بابىدا نەقىل قىلغان. — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ مَسْلَمَةَ بْنِ قَعْنَبٍ وَقُتَيْبَةُ بْنُ سَعِيدٍ. قَالَا: حَدَّثَنَا مَالِكٌ عَنْ عَامِرِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ الزُّبَيْرِ. ح وَحَدَّثَنَا يَحْيَى بْنُ يَحْيَى. قَالَ: قُلْتُ لِمَالِكٍ: حَدَّثَكَ عامر بن عبد الله بن الزبير عن عَمْرِو بْنِ سُلَيْمٍ الزُّرَقِيِّ، عَنْ أَبِي قَتَادَةَ؛ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ كَانَ يُصَلِّي وَهُوَ حَامِلٌ أُمَامَةَ بِنْتَ زَيْنَبَ بنت رسول الله ﷺ، ولأبي الْعَاصِ بْنِ الرَّبِيعِ، فَإِذَا قَامَ حَمَلَهَا وَإِذَا سَجَدَ وَضَعَهَا؟ قَالَ يَحْيَى: قَالَ مَالِكٌ: نَعَمْ.
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھنى قىزى زەينەپنىڭ ئەبۇلئاس ئىبنى رەبىئەدىن بولغان قىزى ئۇمامەنى مۈرىسىدە كۆتۈرگەن ھالدا كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ رۇكۇ قىلىدىغاندا ئۇمامەنى يەرگە قويۇپ، سەجدىدىن تۇرغاندا تەكرار كۆتۈرۈۋالاتتى.» hedisim.com (مۇسلىم) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ أَبِي قَتَادَةَ الأَنْصَارِيِّ؛ قَالَ: رَأَيْتُ النَّبِيَّ ﷺ يَؤُمُّ النَّاسَ وَأُمَامَةُ بِنْتُ أَبِي الْعَاصِ وَهِيَ ابْنَةُ زَيْنَبَ بِنْتِ النَّبِيِّ ﷺ عَلَى عَاتِقِهِ. فَإِذَا رَكَعَ وَضَعَهَا. وَإِذَا رَفَعَ مِنَ السُّجُودِ أَعَادَهَا.