ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ما مِنْ موْلودٍ إلا يولَدُ على الفِطرةِ، فأَبواهُ يُهوِّدانِه، أوْ يُنصِّرانهِ، أو يُمجِّسانهِ، كما تُنتَجُ البَهِيمَةُ بَهيمةً جمعاءَ، هل تُحِسُّونَ فيها من جَدعاءَ)) «ھەر قانداق بوۋاق ئىسلام فىتىرىتى ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ. كېيىن ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي، يا خىرستىيان، يا مەجۇسىي قىلىدۇ. بۇ ھايۋاننىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنى ئەزالىرى بېجىرىم ھالەتتە تۇغقىنىغا ئوخشايدۇ. سىلەر قۇلىقى كېسىك ھالەتتە تۇغۇلغان ھايۋان بالىسى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ؟» ئەبۇ ھۇرەيرە بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ ئارقىسىدىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: {فِطْرَتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِى فَطَرَ ٱلنَّاسَ عَلَيْهَا} {ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقان ئاللاھنىڭ فىترىتى (گە ئۇيغۇن شەكىلدە بۇ ھەق دىنغا يۈزلەنگىن.)}(سۈرە رۇم،30) hedisim.com (بۇخارى 650) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى «قۇلىقى كېسىك ھالەتتە تۇغۇلغان…» يەنى، ھايۋان بالىسى بېجىرىم تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئەزالىرىغا زىيان سالىدىغىنى ئۇ ھايۋانغا ئېگىدارچىلىق قىلغۇچىلاردۇر. (خۇددى شۇنىڭدەك، ساغلام ئىسلام فتىرىتى ئۈستىدە تۇغۇلغان بالىنىڭ دىنىنى ئاتا-ئانىسى بۇزۇپ كاپىر-مۇشرىك قىلىدۇ.) (مُخْتَصَر صَحِيحُ الإِمَامِ البُخَارِي لالباني)
ھەدىسنىڭ رەسىملىك شەكلىنى چۈشۈرۈۋېلىش ئۈچۈن چېكىڭ: https://t.me/tewhidnuri/2196