كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىپ بولۇپلا، باشقا بىرى ئۈچۈن بەدەل ئۆمرە قىلىشىنىڭ ھۆكمى؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال:
(ۋاكالەتەن پەتىۋا سورىغۇچى رىياسەتچى مۇنداق دەيدۇ:)
سوئال سورىغۇچى (رىيادتا تۇرىدىغان مىسىرلىق) كىشى ئىكەن، ئۇ مۇنداق سوراپتۇ: «ھۆرمەتلىك شەيخ! مەن رىيادتىن ئۆمرە ئادا قىلىش ئۈچۈن باردىم، ئاللاھقا شۈكرى، ئۆمرەمنى تەلەپكە ئۇيغۇن رەۋىشتە تولۇق ئادا قىلدىم، ئاندىن ئېھرامدىن چىقتىم. ئەتىسى تەنئىم مەسچىتىگە بېرىپ، شۇ يەردىن قايتا ئېھرام باغلاپ، ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانام ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى نىيەت قىلدىم، ئۆمرە نىيىتىنى قىلىپ، ئۇنى ئانامغا ئاتىدىم. بۇ ئۆمرەمنىڭ ھۆكمى توغرىمۇ (دۇرۇسمۇ)؟ ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.
جاۋاب:
ئاللاھ خالىسا، بۇنىڭ ھېچقانداق زىيىنى (گۇناھى) يوق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر ئۆمرە بىلەن كېيىنكى ئۆمرە (مەزكۇر ئىككى ئۆمرە) ئارىسىدىكى (كىچىك) گۇناھلارغا كاپارەتتۇر» دېگەن. ھەدىستە ئىككى ئۆمرە ئارىسىدا مەلۇم كۈنلەرنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنمىغان. بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئومۇمىيدۇر. ئەگەر بىر كىشى ئۆزى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تەنئىمگە (مىيقاتقا) بېرىپ ئىھرام باغلاپ، ۋاپات بولۇپ كەتكەن دادىسى ئۈچۈن ياكى ئانىسى ئۈچۈن، ۋەياكى باشقا ۋاپات بولۇپ كەتكەن بىرەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆمرە قىلسا، ۋەياكى قېرىلىق سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن بىرەر كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلسا، بۇنداق قىلىشتا ھېچ بىر چەكلىمە يوق.
لېكىن، ھەج كۈنلىرىگە ئوخشاش ئادەم بەك كۆپ، قىستا-قىستاڭ چاغلاردا، كىشىلەرگە ئاسانچىلىق يارىتىش ۋە ئۇلارنى قىينىماسلىق ئۈچۈن، بىر قېتىملىق ئۆمرە بىلەن كاپايە قىلىش ئەۋزەلدۇر. ۋەسسالام.
مەنبە:
https://binbaz.org.sa/fatwas/11571/حكم-العمرة-عن-الغير-بعد-العمرة-عن-النفس-مباشرة
