ھەدىس | مۇسۇلمان بىر ئۈچەيگە يەيدۇ، كاپىر يەتتە ئۈچەيگە يەيدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان بىر ئۈچەيگە يەيدۇ، كاپىر يەتتە ئۈچەيگە يەيدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5397) 

  • يەنى مۇسۇلمان تاماقنى كۆپ يېۋالمايدۇ، كاپىر ئاچكۆزلۈك بىلەن بولۇشىغا يەيدۇ. كۆپ تاماق يېيىش كاپىرلارنىڭ ئىشى. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ تاماقنى جىق يەيدىغان بىرىنى كاپىر دېگەنلىك ئەمەس. تاماقنى جىق يېيىشتە كاپىرغا ئوخشىدى دېگەنلىك. ھەدىس تاماقنى كۆپ يەۋالماسلىققا تەۋسىيە قىلىدۇ. سەھىھ سۈننەتتە ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى تاماق بىلەن، ئۈچتىن بىرىنى سۇ بىلەن تولدۇرۇش، يەنە ئۈچتىن بىرىنى بوش قالدۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان.
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ