عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ ـ رضى الله عنه ـ قَالَ جَاءَ رَجُلٌ إِلَى رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فَقَالَ يَا رَسُولَ اللَّهِ مَنْ أَحَقُّ بِحُسْنِ صَحَابَتِي قَالَ » أُمُّكَ «. قَالَ ثُمَّ مَنْ قَالَ » أُمُّكَ «. قَالَ ثُمَّ مَنْ قَالَ » أُمُّكَ «. قَالَ ثُمَّ مَنْ قَالَ » ثُمَّ أَبُوكَ «. وَقَالَ ابْنُ شُبْرُمَةَ وَيَحْيَى بْنُ أَيُّوبَ حَدَّثَنَا أَبُو زُرْعَةَ مِثْلَهُ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:
بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ، ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ ھەقلىق ئىنسان كىم؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى «ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئاندىن داداڭ» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 5971، مۇسلىم 2548) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
