ھەدىس | رەسۇلۇللاھنىڭ جابىرنىڭ بېغىدا مېڭىشى بىلەن باغنىڭ بەرىكەتلەنگەنلىكى توغرىسىدا

ۋەھب ئىبنى كەيسان رەھىمەھۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جابىرنىڭ دادىسى بىر يەھۇدىيغا ئوتتۇز ۋەسەق (خورما) قەرزى بار ھالەتتە ۋاپات بولدى. جابىر يەھۇدىيدىن (قەرز ھەققىدە) بىر مەزگىل مۆھلەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، يەھۇدىي بۇنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ ئىشتا ئارىچىلىق قىلىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالى بايان قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىينىڭ يېنىغا كېلىپ، جابىرنىڭ بېغىدىكى خورمىلارنى قەرز ھېسابىدا ئېلىشىنى ئېيتتى. ئەمما، يەھۇدىي بۇنداق قىلىشنى رەت قىلدى. ئاقىۋەتتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (جابىرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى) خورما بېغىغا كىرىپ بىر ھازا ماڭدى. ئاندىن جابىرغا «خورمىلارنى يىغ ۋە قەرزىڭنى تۆلە» دېدى. رەسۇلۇللاھ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خورمىلارنى ئۈزدى ۋە ئوتتۇز ۋەسەق قەرزىنى تۆلىدى. ئون يەتتە ۋەسق خورما قەرزدىن تۆلەشتىن ئېشىپ قالدى. جابىر ئەھۋالنى بايان قىلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، رەسۇلۇللاھ (جامائەتكە ئىمام بولۇپ) ئەسىر نامىزى ئوقۇۋاتقان ئىدى. رەسۇلۇللاھ نامازنى تۈگىتىپ بىكار بولغاندىن كېيىن، جابىر (ئەھۋالنى بايان قىلىپ) خورمىلارنىڭ ئېشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جابىرغا «بۇنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپقا سۆزلەپ بەرگىن» دېدى. جابىر ئۆمەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا «(ئېيتقانلىرىڭدىن) بىلدىمكى، رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بېغىڭنى ئارىلاپ ماڭغاندا خورما بېغىڭ بەرىكەتلىنىپتۇ» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 2396)

— قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

 ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ وَهْبِ بْنِ كَيْسَانَ، عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ ـ رضى الله عنهما ـ أَنَّهُ أَخْبَرَهُ أَنَّ أَبَاهُ تُوُفِّيَ، وَتَرَكَ عَلَيْهِ ثَلاَثِينَ وَسْقًا لِرَجُلٍ مِنَ الْيَهُودِ، فَاسْتَنْظَرَهُ جَابِرٌ، فَأَبَى أَنْ يُنْظِرَهُ، فَكَلَّمَ جَابِرٌ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم لِيَشْفَعَ لَهُ إِلَيْهِ، فَجَاءَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم وَكَلَّمَ الْيَهُودِيَّ لِيَأْخُذَ ثَمَرَ نَخْلِهِ بِالَّذِي لَهُ فَأَبَى، فَدَخَلَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم النَّخْلَ، فَمَشَى فِيهَا ثُمَّ قَالَ لِجَابِرٍ » جُدَّ لَهُ فَأَوْفِ لَهُ الَّذِي لَهُ «. فَجَدَّهُ بَعْدَ مَا رَجَعَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فَأَوْفَاهُ ثَلاَثِينَ وَسْقًا، وَفَضَلَتْ لَهُ سَبْعَةَ عَشَرَ وَسْقًا، فَجَاءَ جَابِرٌ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم لِيُخْبِرَهُ بِالَّذِي كَانَ، فَوَجَدَهُ يُصَلِّي الْعَصْرَ، فَلَمَّا انْصَرَفَ أَخْبَرَهُ بِالْفَضْلِ، فَقَالَ » أَخْبِرْ ذَلِكَ ابْنَ الْخَطَّابِ «. فَذَهَبَ جَابِرٌ إِلَى عُمَرَ، فَأَخْبَرَهُ. فَقَالَ لَهُ عُمَرُ لَقَدْ عَلِمْتُ حِينَ مَشَى فِيهَا رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم لَيُبَارَكَنَّ فِيهَا.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ