مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر ئاياللارغا يۈزىنى ئېچىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام نەۋەۋى پەتىۋاسى

مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر ئاياللارغا يۈزىنى ئېچىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام نەۋەۋى پەتىۋاسى

دىققەت: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالىملارنىڭ بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئالىم قالمىغان چاغدا ساختا، يالغان «ئالىملار» ئوتتۇرىغا چىقىۋېلىپ، ئازغۇن پەتىۋا بېرىپ ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن.

ئىلگىرىكى ئۆلىمالارنىڭ توغرا يولىدىن يۈز ئۆرىگەن، ھە دېسىلا ھارامنى ھالال قىلىشقا ئارانلا تۇرىدىغان، ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەن «بىر كۆزى كور دەججالدىنمۇ خەتەرلىك» ئازدۇرغۇچى ئىمام، مۇپتىلار دەۋرىمىزدە قۇمدەك ئاۋۇپ كەتتى. سىز ئۇلارنىڭ يۈز ئېچىۋېتىش، ئەر-ئاياللار ئارىلاش ئوقۇش، نامەھرەملەر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ناخشا-مۇزىكىنى ھالال قىلىش قاتارلىق شەيتانىي پەتىۋالىرىغا قاراپ، ئىسلام دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ، دەپ قالسىڭىز تۈپتىن خاتالىشىسىز. كاتتا تائىبىن مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ «مەن يەتمىش ساھابە بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلار سىلەرنى كۆرگەن بولسا، ئەزىنىڭلاردىن باشقا ئىشىڭلارنى دىن دەپ تونىمىغان بولاتتى» دېگەن. (زەھەبى: سىيەرۇ ئەئلامۇن نۇبەلا)
زامانىمىزدا ئىلگىرىكى ئۆلىمالار ھارام دەپ بىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھالال دەپ تەشۋىق قىلىدىغان — دەججالدىنمۇ خەتەرلىك — ئازغۇن مۇپتىلار مەيدانغا چىقتى. ئىسلامنى دىن قىلىپ تاللىغان مۇسۇلمان بۇ خىل بىدئەتچىلەرنىڭ ئايەت ھەدىسكە ۋە ئىلگىرىكى ئۆلىمالارنىڭ توغرا ھۆكمىگە خىلاپ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ كېتىشتىن ھەردائىم ھەزەر ئەيلىشى لازىم. ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئاۋانگارت ئالىملاردىن بىرى بولغان ئىمام نەۋەۋىنىڭ تۆۋەندىكى پەتىۋاسىمۇ دەل ئىلگىرىكى تەقۋادار ئۆلىمالارنىڭ دىنىي مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆرنەك پەتىۋالاردىن بىرى بولۇپ، يېڭىدىن يېتىلمە بىدئەتچىلەرنىڭ بۇ خىل پەتىۋالارغا زىت پەتىۋالارنى بېرىشى، يۈز ئېچىشنى تەشۋىق قىلىشى سىزنى ھەرگىز ئالداپ قويمىسۇن.

ئىلگىرىكى تەقۋادار ئۆلىمالارلا ئەمەس، ئىلگىرى ياشىغان مۇسۇلمانلار دىن جەھەتتە ھازىرقىدىن كۆپ ئىلغار بولۇپ، دەۋرىمىزدە ھەر قانچە تەقۋا دەپ قارالغان بىر ئايالمۇ بىرەر ئالىمدىن «ئايال كىشى كاپىر ئايالغا يۈزىنى ئاچسا بولامدۇ؟» دەپ سوراشنى ئويلاپ باقماسلىقى مۇمكىن. ئايال كىشىنىڭ يات ئەرگە يۈز ئېچىشنى ھالال كۆرىدىغانلار ئاۋۇپ كەتكەن بۇ دەۋردە، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار «مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر ئايالغا يۈز ئېچىشى دۇرۇسمۇ؟» دەپ پەتىۋا سورىلىشىنى دىندا ئاشقۇنلىشىپ كەتكەنلىك، يولدىن چىققانلىق دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار دەل مۇشۇ سوئالنى ئۆز زامانىسىنىڭ شەيخۇل ئىسلامىدىن سورىغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئاشقۇنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، ھەقكە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بولغان تەسلىمىيىتىدىن بولغان. 

سوئال:
مۇسۇلمان ئايالنىڭ يۈزىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بەدەن ئەزالىرىنى يەھۇدى، خىرىستىئان ياكى باشقا كاپىر ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئېچىشى جائىزمۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئىمام شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزھىبىدە ئىختىلاپ بارمۇ؟ ئۇنىڭ دەلىلى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام ئەبۇ زەكەرىييا نەۋەۋى

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب:

مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر ئاياللارغا يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ باشقا يېرىنى ئېچىشى جائىز ئەمەس (يەنى ھارام. دىققەت: ئىسلام ئۆلىمالىرى «جائىز ئەمەس» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى «ھارام دېگەنلىك» بىلەن تەڭداش تۇتىدۇ. بۇ ھەقتە تور بېتىمىزدە مەخسۇس پەتىۋا بار.) كاپىر ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قۇل خىزمەتكار ئايال بولۇشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شافىي مەزھىبىدىكى سەھىھ ھۆكۈم مانا بۇ. بۇنىڭ دەلىلى مۇنۇ ئايەتتۇر:

﴿وَقُلْ لِلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاءِ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِنْ زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ ﴿مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى (نامەھرەملەرگە ۋە ھارام نەرسىلەرگە قاراشتىن) پەس قىلسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن، ئاشكارىلانغان زىننەتلىرىدىن (يەنى كىيىملىرىنىڭ تېشىغا كىيىدىغان جىلبابىدىن) باشقىسىنى (يات كىشىلەرگە) ئاشكارىلىمىسۇن. لېچىكى ئارقىلىق كۆكرەكلىرى بىلەن قوشۇپ ئۈستى – بېشىنى ياپسۇن. (يوشۇرۇن) زىننەتلىرىنى تۆۋەندىكىلەردىن باشقىلىرىغا ئاشكارىلىمىسۇن: ئېرى، ئاتىلىرى، قېينىئاتىلىرى، ئوغۇللىرى، ئېرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئاكا-ئىنىلىرى، ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئۆز ئاياللىرى (يەنى مۇسۇلمان ئاياللار)، ئىلكىدىكى قۇللار، خوتۇنلارغا ئېھتىياجى بولمىغان ئەرلەر، ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىنى بىلمەيدىغان كىچىك بالىلار (دىن باشقىسىغا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن.) يوشۇرغان زىننەتلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن. ئى مۆمىنلەر! نىجاتلىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.﴾  (نۇر سۈرىسىنىڭ 31-ئايىتى) بۇ ئايەتتىكى ﴿نِسَائِهِنَّ﴾ دېگەن سۆز «مۇسۇلمان ئاياللار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا كاپىر ئاياللار ئايەتنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان چەكلىمە دائىرىسىدە (يەنى «زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دەپ تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) قالىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامدا تۇرۇۋاتقان ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مەكتۇپ يېزىپ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يەھۇدى-ناسارا ئاياللارغا يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ بىرەر ئەزاسىنى ئېچىشىنى چەكلەشكە بۇيرۇغان. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (فتاوى النووي، 190 – بەت؛ بۇ كىتابنى نەشىر قىلغان نەشرىيات ئىسمى:  دَارُ البشائرِ الإسلاميَّة للطبَاعَة وَالنشرَ والتوزيع) | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ