جەننەت ئەھلى مۆمىننىڭ جەتتىكى غايەت زور چېدىرى ۋە ئاياللىرى

عَنْ أَبِي بَكْرِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ قَيْسٍ، عَنْ أَبِيهِ، عَنِ النَّبِيِّ ﷺ قال «إن للمؤمن في الجنة لخيمة من لؤلؤة واحدة مجوفة. طولها ستون ميلا. للمؤمن فيها أهلون. يطوف عليهم المؤمن. فلا يرى بعضهم بعضا».

ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «مۆمىن ئەر كىشىنىڭ جەننەتتە ئىچىكى كاۋاك مەرۋايىتتىن ياسالغان چېدىرى بولىدۇ. ئۇ چېدىرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش مىلدۇر. مۆمىن ئەر كىشىنىڭ ئۇ چېدىردا ئاياللىرى بولىدۇ. مۆمىن ئەر ئۇ چېدىردىكى ئاياللىرىنى يوقلاپ تۇرىدۇ، لېكىن مۆمىننىڭ ئاياللىرى بىر – بىرىنى كۆرمەيدۇ.» hedisim.com (سەھىھۇل مۇسلىم 2838 – نومۇرلۇق ھەدىس) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

«مۆمىننىڭ ئاياللىرى بىر – بىرىنى كۆرمەيدۇ.» ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە «چېدىرنىڭ ناھايىتى كەڭرى (يەنى 100 كىلومېتر بولغانلىقى) تۈپەيلىدىن بىر – بىرىنى كۆرەلمەيدۇ» دېگەن. (توفيق الرب المنعم بشرح صحيح الإمام مسلم 8\181)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ