ھەدىس | سەجدىدە جەينەكلەرنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋېلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى

 

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان: ((اعْتَدِلُوا فِي السُّجُودِ ولا يَبْسُطْ أحَدُكُمْ ذِراعَيْهِ انْبِساطَ الكَلْبِ)) «سەجدىدە ئوتتۇرىھال بولۇڭلار. سىلەردىن ھېچكىم سەجدە پەيتىدە بىلەكلىرىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 822؛ مۇسلىم 493؛ مىشكات 888) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى


بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان: (إذا سَجَدْتَ فضع كفيك وارفع مرفقيك) «سەجدە قىلساڭ ئالقانلىرىڭنى يەرگە قويۇپ، جەينەكلىرىڭنى كۆتۈر.» hedisim.com (مۇسلىم؛ مىشكات 889) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: (( إذا سجد أحدكم فلا يفترش يديه افتراش الكلب وليضم فخذيه)) «سىلەردىن بىرىڭلار سەجدە قىلغاندا بېلىكىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن، (ئىتنىڭ قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە) ئىككى يوتىسىنى بولسا  بىر – بىرىگە يېقىن تۇتسۇن.» hedisim.com (ئىمام ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن)

ئىمام سەنئانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: «وليضم فخذيه» «ئىككى يوتىسىنى يىغسۇن (جۈپلىسۇن)» دېگىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئېچىۋالمىسۇن، دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نامازخاننىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىدە ئىككى قولىنى ئىككى بىقىنىدىن ۋە قولتۇقلىرىدىن يىراق تۇتۇشى لايىقتۇر. (التحبير لإيضاح معاني التيسير ٥/٣٥٠ ) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ