«سىلەردىن ھەر بىرىڭلار بىر پادىچىسىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر» ھەدىسى

عَنِ ابْنِ عُمَرَ ـ رضى الله عنهما ـ عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ  » كُلُّكُمْ رَاعٍ، وَكُلُّكُمْ مسْؤُولٌ عَنْ رَعِيَّتهِ: الإمَامُ رَاعٍ وَمَسْؤولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ، والرَّجُلُ رَاعٍ في أهْلِهِ وَمَسْؤُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ، وَالمَرْأةُ رَاعِيَةٌ في بيْتِ زَوْجِهَا وَمَسْؤُولَةٌ عَنْ رَعِيَّتِهَا، وَالخَادِمُ رَاعٍ في مَالِ سَيِّدِهِ وَمَسؤُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ، فَكُلُّكُمْ رَاعٍ وَمَسْؤُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھەر بىرىڭلار بىر پادىچىسىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆز پادىسى توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر. باشلىق پادىچىدۇر، ئۆز خەلقىدىن (ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن) سوراق قىلىنىدۇ. ئەر كىشى پادىچىدۇر، ئۆز ئائىلە، بالا – چاقىلىرىدىن سوراق قىلىنىدۇ. ئايال كىشىمۇ پادىچىدۇر. ئۇ ئۆز ئېرىنىڭ ئۆي ۋاقىسى ۋە بالا – چاقىسى توغرۇلۇق سوراق قىلىنىدۇ. خىزمەتچى خوجايىنىنىڭ مېلىنىڭ پادىچىسىدۇر، ئۆزى مەسئۇلىيىتىدىكى ئىشلاردىن سوراق قىلىنىدۇ. دېمەك، سىلەردىن ھەر بىرىڭلار پادىچىسىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆز پاداڭلاردىن سوراق قىلىنىسىلەر.» 

— بۇخارى 893؛ مۇسلىم 1829؛ رىيازۇس سالىھىن 300
قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ