ھەدىس | قاچان جەننەت ئەھلىنىڭ خۇشاللىقىغا خۇشاللىق، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازابىغا ئازاب قوشۇلىدۇ؟

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((إِذَا صَارَ أَهْلُ الْجَنَّةِ إِلَى الْجَنَّةِ، وَأَهْلُ النَّارِ إِلَى النَّارِ، جِيءَ بِالْمَوْتِ حَتَّى يُجْعَلَ بَيْنَ الْجَنَّةِ وَالنَّارِ، ثُمَّ يُذْبَحُ، ثُمَّ يُنَادِي مُنَادٍ يَا أَهْلَ الْجَنَّةِ لاَ مَوْتَ، يَا أَهْلَ النَّارِ لاَ مَوْتَ، فَيَزْدَادُ أَهْلُ الْجَنَّةِ فَرَحًا إِلَى فَرَحِهِمْ. وَيَزْدَادُ أَهْلُ النَّارِ حُزْنًا إِلَى حُزْنِهِمْ)) «(قىيامەت كۈنى) جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرىپ بولغان كېيىن، ئۆلۈم ئېلىپ كېلىنىپ دوزاخ بىلەن جەننەت ئارىسىدا تۇرغۇزىلىدۇ، ئاندىن بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن بىر جاكارچى مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: <ئى جەننەت ئەھلى! (سىلەرگە) ئەمدى ئۆلۈم يوق. ئى دوزاخ ئەھلى! (سىلەرگىمۇ) ئەمدى ئۆلۈم يوق.> نەتىجىدە جەننەت ئەھلىنىڭ خۇشاللىقىغا خۇشاللىق قوشۇلىدۇ. دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازابىغا ئازاب قوشۇلىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 6548) | ھەدىس خەزىنىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ