سەھىھ ھەدىس | ئاجىز، مىسكىن مۆمىنلەرگە ئاللاھ ۋە رەسۇلىدىن بۈيۈك خۇش خەۋەر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:((احْتَجَّتِ الجنَّة والنَّار، فقالتِ النَّار: فيَّ الجبَّارون والمُتَكَبِّرُون. وقالتِ الجنَّة: فيَّ ضُعَفَاء الناسِ ومساكِينُهُم، فقضى الله بَيْنَهُمَا: إِنك الجنَّة رحْمَتي أَرحم بك من أشاء، وإِنك النَّار عذابي أُعذب بك من أشاء، ولِكِلَيْكُمَا عليَّ مِلْؤُهَا)) «جەننەت بىلەن دوزاخ مۇنازىرىلىشىپ قالدى. دوزاخ <مەن زومىگەر كىشىلەرنىڭ، ھەقنى قوبۇل قىلماي چوڭچىلىق قىلىدىغان مۇتەكەببىر كىشىلەرنىڭ جايىمەن> دەيدۇ. جەننەت بولسا <مەن ئاجىز، مىسكىن (مۆمىن) كىشىلەرنىڭ جايىمەن> دەيدۇ. ئاقىۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: <سەن جەننەتسەن، مېنىڭ رەھمىتىمسەن. سەن ئارقىلىق ئۆزۈم خالىغان كىشىگە رەھمەت قىلىمەن. سەن دوزاخسەن، مېنىڭ جازايىمسەن. سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىنى جازالايمەن. ھەر ئىككىڭلارنى تولدۇرۇشنى مەن ئۈستۈمگە ئالدىم.>» hedisim.com (بۇخارى 4850؛ مۇسلىم 2846؛ تىرمىزى 2561؛ ئىبنى ئەبى شەيبە 33448؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى مۇسلىمنىڭ؛ بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام بۇخارى <ئەدەب ئەلمۇفرەدتە>، نەسائىي <سۇنەن كۇبرادا>، ئىبنى ھىببان <سەھىھ تە> نەقىل قىلغان)  | ھەدىس خەزىنىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ