ئىھراملىق ئايالنىڭ نىقاب، پەلەي تاقىماستىن يۈز ۋە قوللىرىنى نامەھرەمدىن ياپىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((وَلاَ تَنْتَقِبِ الْمَرْأَةُ الْمُحْرِمَةُ وَلاَ تَلْبَسِ الْقُفَّازَيْنِ)) «ئىھراملىق ئايال (يۈزىگە) نىقاب تاقىمىۋالمىسۇن، قوللىرىغا پەلەي كىيىۋالمىسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 1838؛ مالىك 724؛ ئەبۇ داۋۇد 1825؛ تىرمىزى 833؛ نەسائىي 2673؛ ئىبنى خۇزەيمە 2437؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا 3542؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 8361)

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((تَلْبَسُ الْمُحْرِمَةُ مَا شَاءَتْ مِنَ الثِّيَابِ إلَّا الْبُرْقُعَ وَالْقُفَّازَيْنِ وَلَا تَنَقَّبُ)) «(ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) ئىھراملىق ئايال خالىغان بۇرقا، پەلەيدىن باشقا خالىغان كىيىمنى كىيسە بولىدۇ، شۇنداقلا نىقاب تاقىۋالسا بولمايدۇ.» hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 17067)

(بۈيۈك ساھابە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) «بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىقمۇ بىز بىلەن بىللە ئىدۇق.» (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛) * ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩)

يۇقىرىقى ھەدىس ھىجاپ ئايىتىنىڭ ھۆر ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىش ئۈچۈن نازىل بولغىنىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ھەدىستە ئىھراملىق ئايال نىقاپ ۋە پەلەي تاقاشتىن توسۇلغان. بۇ ئاياللارنىڭ ئىھراملىق ھالىتىدىن باشقا چاغدا نامەھرەملەر كۆرۈش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالدا يۈزىگە نىقاب، قولىغا پەلەي تاقايدىغانلىقىنى، يەنى ئاياللار ئۈچۈن نىقاپ ۋە پەلەينىڭ خۇددى ئەرلەر ئۈچۈن ئىزار، تون، يەكتەكلەردەكلا ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرلەرنىڭ ھەج – ئۆمرىدە تون، يەكتەك، ئىشتان كىيشتىن چەكلەنگەنلىكى — ھەج – ئۆمرە قىلغان ئەرنىڭ بەدىنىنى ئوچۇق قويۇپ، قىپيالىڭاچ بولىۋېلىشىنى بىلدۈرمىگەندەك، ئاياللارنىڭ ھەج – ئۆمرىدە نىقاب ۋە پەلەي تاقاشتىن چەكلىنىشى — ھەجدە – ئۆمرە قىلغان ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ئوچۇق قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئائىشە ئانىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((كَانَ الرُّكْبَانُ يَمُرُّونَ بِنَا وَنَحْنُ مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُحْرِمَاتٌ فَإِذَا جَاوَزُوا بِنَا سَدَلَتْ إِحْدَانَا جِلْبَابَهَا مِنْ رَأْسِهَا عَلَى وجهِها فإِذا جاوزونا كشفناهُ)) «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن (ھەج سەپىرىدە) بىللە ئىھرام باغلاپ (ھەج قىلىۋاتقان) ئىدۇق ۋە كىشىلەر ئۇلاغلىرىغا مىنىپ يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېنىمىزدىن ئۆتكۈدەك بولسا جىلبابىمىزنى سارقىتىپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد <1833> ۋە ئىبنى ماجە توپلىغان؛ مىشكات مەسابىھ 2690؛ وقال الألباني في «جلباب المرأة المسلمة» (ص107)حسن في الشواهد)

(بۈيۈك تابىئىن ئايال ئالىمەسى) فاتىمە بىنتى مۇنزىر چوڭ ئانىسى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((كُنَّا نُغَطِّيَ وُجُوهَنَا مِنَ الرِّجَالِ، وَكُنَّا نَتَمَشَّطُ قَبْلَ ذَلِكَ فِي الْإِحْرَامِ)) «بىز (ئېھراملىق ھالىتىمىزدە) يات ئەرلەردىن يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىھراملىق ھالىتىمىزدە چېچىمىزنى تارايتتۇق.» hedisim.om (سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 4\203؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1668؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى «بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس» دېگەن، ئىمام زەھەبىيمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ باھالىغان. ئىمام ئەلبانى بۇ ھەدىسنى « في إرواء الغليل ٤/ ٢١٢» دە سەھىھ دېگەن) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بەزى خانىم – قىزلار رەسۇلۇللاھنىڭ «ھەج – ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان ئايال نىقاپ تاقىمىسۇن، پەلەي كىيمىسۇن» دېگەن سۆزىنى  «ئاياللار ھەج – ئۆمرىدە يۈز ياپمايدىغان ئوخشايدۇ» دەپ چۈشىنىپ قالغان. شۇنداقلا ھەج – ئۆمرىدە چاچ چۈشۈرۈش چەكلىنىدىغان بولغاچقا، بەزى مۇسۇلمان خانىم – قىزلار ھەج ئۆمرىدە چاچ تارىساق، بەزى چاچلىرىمىز بېشىمىزدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ھەج – ئۆمرىدە چاچ چۈشۈرۈش چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغان بولىمىز دەپ ئويلاپ قالغان. نەتىجىدە، ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ شۈبھىنى يوق قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى ساھابە خانىم – قىزلارنىڭ ئىھراملىق ھالەتتە يۈز يېپىشى لازىملىقىنى، چاچ تارىشى دۇرۇسلۇقىنى بىلدۈرۈپ يۇقىرىقىدەك دېگەن.

ئىمام شافىئىي «ئەلئۇم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن، شۇنداقلا بۇ شافىي مەزھىبى ئالىملىرىنىڭمۇ ھۆكمىدۇر: «ئايال كىشىنىڭ (سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا) كېچىسى مېڭىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى كېچىسى (بۇ ئىبادەتنى قىلىش) ئاياللارنى يات ئەرلەردىن تېخىمۇ يوشۇرىدۇ، ئەزالىرىنىڭ يات ئەرلەرگە كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ كېچسى سەئىي قىلىشى ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن پىتنىدىن تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئايال كىشىنىڭ كۈندۈزى تاۋاپ قىلىشىمۇ جائىز. لېكىن، ھەج – ئۆمرە قىلغۇچى ئايال يۈزنى يېپىپ تۇرىدىغان رەخت قاتارلىقلارنى، يۈز تېرىسىگە چاپلىۋالمىغان ھالدا (بېشىنىڭ ئۈستىدىن ساڭگىلىتىش ئارقىلىق) يۈزىنى ياپىدۇ.» mujtehid.com ( المجموع شرح المهذب 8\75)

 

— ھەدىسلەرنى ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ