ھەدىس | يامان، گۇناھلىق ئىشلارغا (بۇيرۇلغان كىشى بۇيرۇغۇچىغا) ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىتائەت پەقەت ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ

ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((لاَ طَاعَةَ فِي مَعْصِيَةٍ، إِنَّمَا الطَّاعَةُ فِي الْمَعْرُوفِ)) «يامان، گۇناھلىق ئىشلارغا (بۇيرۇلغان كىشى بۇيرۇغۇچىغا) ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىتائەت پەقەت ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 7275، مۇسلىم 1840) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لا طاعة لمخلوق في معصية الخالق)) «ياراتقۇچىغا (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلىنىش بەدىلىگە يارىتىلغۇچىغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ.» hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە؛ بۇ مەنىدىكى ھەدىسنى يەنە ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى قاتارلىقلار نەقىل قىلغان) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ